ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يۆتەل ھەققىدىكى ساۋاتلارنى بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يۆتەل كىسەل ئەمەس، ئۇ بىر خىل ئالامەت، نورمال بىر خىل ئالامەت، ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل فىزىلوگىيىلىك ئىنكاس جەريانى؛ ئۇنىڭ رولى بولسا، نەپەسلىنىش يولىدىكى ئەخلەتلارنى تازىلاپ، نەپەسلىنىش يولىنى قوغداشتۇر؛ يۆتىلىش، ئادەتتە ئادەم بەدىنىگە ئېغىز زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
    ئەگەر بىز تاماق يەۋەتقان ۋاقىتتا، ئىھتىياتسىزلىقتىن تاماق ئۆپكىمىزگە كىتىپ قالسا، بەدىنىمىز يۆتىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۇغۇلما ئىقتىدار ئارقىلىق، ئۆپكىمىزگە كەتكەن تاماقنى سىرتقا چىقىرۋىتىدۇ. بۇ، بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى "يۆتىلىش ئىنكاسى"نىڭ بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزنى قوغداۋاتقانلىقى بولۇپ، ئۇ تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يۆتەل سىزىم ئەزاسى، يۆتىلىش ئىنكاسىنىڭ نىرۋىغا ئۆتۈشى، يۆتىلىش مەركىزى نىرىپ سىېستىمىسدا بىتەرەپ قىلىنىش، يۆتىلىش ئىنكاسى نىرۋىدىن قايتىپ چىقىش.
    يۆتىلىش سىزىم ئەزالىرى ئاساسلىقى، نەپەسلىنىش يولى يېپىشقاق پەردىلىرىگە تارقالغان بولۇپ، سىرتقى مۇھىتتىكى سۇغۇق ھاۋا ئېقىمى، چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك ياكى باشقا نەرسە كىرەكلەر ئۇنىڭغا تىگىشكەن ھەمدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق دەپ قارالغان ۋاقىتتا، يۆتىلىش ھەرىكىتىنى قوزغايدۇ.
    بالىلارنىڭ يۆتىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن كۆپ؛ ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن، جىددى خارەكتىرلىك نەپەسلىنىش يولى ياللۇغى، شاخچە كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئادەتتە كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە قوزغىلىدۇ.  بۇ كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدىكى كىچە-كۈندۈز تىپمىراتۇرا پەرقىنىڭ نىسبەتەن چوڭ، ھاۋانىڭ قۇرغاق بولغانلىقىدىن بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك بالىلاردا ئاسانلا نەپەسلىنىش يولى يېپىشقاق پەردىسىنىڭ بىئارام بولۇشى ۋە زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نەپەسلىنىش يولى ياللۇغى كۆپىيىشنى پەيدا قىلىدۇ.
    نۇرغۇنلىغان غەلىتە ياللۇغ ئامىللىرى، مەسىلەن سۇغۇق ھاۋا ئېقىمى، تۇمان، رىئاكسىيە قىلىش، غەلىتە زەررىچە قاتارلىقلارمۇ بالىلارنىڭ يۆتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   بەزى بالىلار كىچىسى ۋە سەھەر ۋاقتىدا قاتتىق يۆتىلىپ كىتىدۇ؛ ھەرىكەت قىلغاندىن كىيىن، سۇغۇق ھاۋا ئېقىمى سۈمۈرۈپ بەرسىمۇ يۆتىلى ئېغىرلاپ كىتىدۇ. بەزىدە بۇرنى، قولىقى، ئاشقازان-ئۈچىيى، يۈرىكى، پىسخىكىسى سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتىمۇ، چوڭ مىڭە يۆتىلىش بۇيرۇقى چۈشىرىدۇ.
    نىمە ئۈچۈن بەزى بالىلار بىر قېتىم ئادەتتىكى زۇكام بولۇپ قالسىمۇ، ئۇلارنىڭ يۆتىلىشى بىرەر ئايغىچە سوزۇلۇپ كىتىدۇ؟
    بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، بىر قېتىملىق ئادەتتىكى زۇكاممۇ، ھاۋا يولى سىرتقى يۈزىدىكى تالا تۈكلىرىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، بىر ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا ئاندىن قايتىدىن نورمال ھالەتكە قايتىپ كىلەلەيدۇ. بۇمۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ بىر خىل ئۆزىنى قوغداش ۋاستىسى بولۇپ، يۆتىلىش ئارقىلق كىسەللىك ۋىروسلىرىنى تازىلايدۇ.
     بىراق، بالىلارنىڭ قاتتىق يۆتىلىپ كىتىشىگە قاراپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىشى كىرەك؟
   ئەگەر بالىنىڭ ھەركۈنى يۆتىلىدىغان قېتىم سانى 10قېتىمدىن ئېشىپ كەتمىسە، ئۇنداقتا دورا ئىچكۈزۈشكە ئالدىرمىساقمۇ بولىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ يۆتىلىشى قاتتىقراق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيقۇسىغا، تاماق يىيىشىگە تەسىر قىلسا، ياكى تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋال كۆرۈلۈپ، بالىلاردا قىزىش ۋە كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كىرەك. ئەگەر بالىنىڭ يۆتىلىشى بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقاندىن كىيىنمۇ ياخشىلانمىسا، ئۇنداقتا بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، بىر قەدەم ئىلگىرلەپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش كىرەك.
    ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئادەتتىكى جىددى خارەكتىرلىك نەپەسلىنىش يولى ياللۇغىغا ئەگىشىپ كىلىدىغان يۆتىلىش ئالامىتى، بىر-ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ياخشىلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号