ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئوغلىدىن چوڭ ئۈمىتلەرنى كۈتىدۇ. ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەرلەر تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشى لازىم بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئەرلەرگە بولغان تەلىپىمۇ تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوغلىنى قانداق تەربىيەلەش، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. ئۇنداقتا، ئوغۇل بالىنى زادى قانداق تەربىيەلىگەندە، ئاندىن ئۇلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يىتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟
1. دادىسى ئوغىلىغا كۆپرەك ھەمرا بولۇپ، ئوغلىغا ئۈلگە بولۇش
    دادا، ئوغۇل بالىسىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ؛ چۈنكى، دادا بولسا، ئوغۇل بالا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىن ئۇچراشقان بىرىنچى ئەر كىشى، شۇڭا ئۇلارنىڭ گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەت قىلمىشلىرىغا قارىتا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن دادىلار ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى تۇنۇپ يىتەلمىگەن بولۇپ، ئۇلار ئائىلە تەربىيەسى ئىچىدە كۆپنىچە پەقەت قورقۇتۇش رولىنىلا ئوينايدۇ؛ بىراق بۇنداق ئەھۋال، بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە قارىتا زىيانلىق تەسىرلا كۆرسىتىدۇ. دادىلار ئادەتتە، "قاتتىق قول دادا" بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى بالىسىغا كۆپرەك ھەمرا بولۇپ، بالىسىغا ئۈلگە بولۇشى ھەمدە بالىسىنىڭ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە توغرا يىتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىشى كىرەك.
2. ئانىلار ئامراقلىقىنى ئازراق ئىپادىلەپ، قول قويۇۋىتىشنى بىلىش
    ئانىلار ئوغۇل بالىسىغا بەكرەك ئامراق كىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ئۇلارنى ئالقىنىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئەركىلىتىدۇ. نۇرغۇن ئانىلار ئوغلىغا ھەددىدىن زىيادە ھەمرا بولۇپ ھەم ئامراقلىقىنى ئىپادىلەپ، بالىسىنىڭ ئازراق جاپا تارتىپ قېلىشىغىمۇ چىدىمايدۇ. بىراق، بۇنداق قىلىشنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە قارىتا ھېچقانداق پايدىسى يوق، ھەتتا بالىنىڭ مىجەز-خۇلقىنىڭ شەكىللىنىشىگە قارىتا سەلبى تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئانىلار بالىغا بۇنداق زىيادە ئامراقلىق بىلدۈرسە، ئۇلارنىڭ يولسىز، زومىگەر مىجەزىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا ئانىلار قول قويۇۋىتىشنى ئۆگىنىپ، بالىغا قارىتا زىيادە ئامراقلىقىنى ئىپادىلەپ چىقارماسلىقى كىرەك؛ بۇنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە قارىتا بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ.
3. ئاتا-ئانىلار بالىنى ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش
    نۇرغۇن ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالا ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ، ئائلىدىكى چوڭلارنىڭ ھەممىسى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ؛ بىراق، بۇنداق ئەھۋال، ئاسانلا ئائىلە زىددىيىتى پەيدا قىلىپ قويىدۇ، ھەتتا بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتلىشى مۇھىتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە، ئاتا-ئانىلار ئۆز-ئارا قارشى تەرەپنى بىرىنچى ئورۇنقا قويىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا ئاندىن، ئائىلە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىغا تېخىمۇ ياخشى بولغان تەربىيە بىرەلەيدۇ. ئەمما ئەگەر، بالىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاندا، ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرسىدا بالا سەۋەپلىك زىددىيەت تۇغۇلۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك بالىغا قارىتا خاتا ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر يىتىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号