ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ ئادەتلىرى ھامىيلىنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ئىنىق تۇنۇپ يىتىشكە تىگىشلىك بىر نوقتا، ھامىلدار ئايال بىلەن قوساقتىكى ھامىيلە ئوتتۇرسىدا ئۇچۇر ئالاقىسى بار بولىدۇ؛ ھامىيلىمۇ، ئانىسىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللار ئەگەر ھامىلدار مەزگىلىدە ھۇرۇنلۇق ياكى كەيپىياتى تۇراقلىق بولماسلىق قاتارلىق ناچار ئادەت ۋە قىلمىشلارنى ئىپادىلەپ چىقارسا، ئەمىلىيەتتە بۇ ھامىيلىگىمۇ يامان تەسىر ئېلىپ كىلىپ ئۇلارنى يۇقاملاندۇرىدۇ.
    ئەكسىچە، ئەگەر ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ياخشى ئادەت ۋە قىلمىشلارنى ساقلىسا، ئۇنداقتا ھامىيلىمۇ ئەقىللىق ھەم ئوماق بولۇپ كىتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ھامىلدار ئاياللار زادى قانداق قىلىشى كىرەك؟
ئۆزى قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش
    ھامىلدار ئاياللار ئالدى بىلەن ئۆز ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۆزى قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى كۆپرەك ئۆگىنىشى كىرەك؛ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى ۋە كۆرگەنلىرىنى ھامىيلە بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ بىرىشى لازىم. بۇ خىل ئالاقە، بوۋاقنىڭ مىڭىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە غىدىقلاشقا ئۇچرىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، چوڭ مىڭە نىرۋىلىرى ۋە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئاپتاپقا قاقلىنىش
    ئىلمى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ھامىلارلىق مەزگىلىدە ئاپتاپقا قاقلىنىشى يىتەرلىك بولمىسا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىيتامىن D مىقدارىنىڭ كەمچىل بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىگە تەسىر يىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بوۋاقلار تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋە تۇغۇلۇشتىن كىيىن، ھەر ئىككى مەزگىلدە قۇياش نۇرىدا ئاپتاپقا قاقلىنىشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ.
ھامىلدار ئاياللاردا يۇد كەمچىل بولسا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
    نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، بولۇپمۇ ئۈچ ئايلىق بولغان ئەتراپتا، ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچمىكىدە زىسەي قاتارلىق يۇد تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەر كۆپىيىدۇ، چۈنكى بۇ يىمەكلىكلەر، ھامىلدار ئايال بەدىنىگە يۇد ماددىسى تۇلۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
    ئۇنداقتا، ھامىلدار مەزگىلىدە نىمە ئۈچۈن يۇد ماددىسى تۇلۇقلاش لازىم بولىدۇ؟ چۈنكى، ھامىيلە يىتىلىش جەريانىدا، تىروكسىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەرسىگە ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر بوۋاق ئانسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا تىروكسىن كەمچىل بولسا، بۇ بوۋاقنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بوۋاق تۇغۇلما ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن ياكى جۇغى كىچىك تۇغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، يۇد ماددىسى تۇلۇقلاپ بىرىشكە دىققەت قىلىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号