ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ خىل دادىلارنىڭ بالىلىرى كەلگۈسىدە مۇنەۋۋەر ئادەم بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-07 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىشىنىمەنكى، ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە مۇنداق بىر قاراش بار: ئەر كىشى پۇل تېپىپ خوتۇن-بالىلىرىنى بېقىشى كىرەك؛ ئايال كىشى بولسا، ئۆيدە بالىسىنى بېقىپ، ئىرىنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ھەمدە ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ئولتۇرۇشى كىرەك. بىراق، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېيتماقچى بولغىنىمىز، ئىلىم-پەن تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دادىلىق سالاھىيەت، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن؛ چۈنكى دادا ۋە ئانا ھەر ئىككەيلەن بالىلارنىڭ ئۈلگىسى بولغاچقا، بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆپ قىسىم سۆز-ھەرىكەت ۋە قىلمىشلىرىنى ئەينەن دورايدۇ.
     ئەگەر ئىرىڭىزدە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر بار بولسا، ئۇنداقتا بالىڭىزمۇ كەلگۈسىدە مۇنەۋۋەر ئادەم بولىدۇ.
ھەممە ئىشتا ئەمەلى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەمدە باشقىلارنىڭ نام-ئاتاق ۋە بايلىقىغا ھەۋەس قىلمايدىغان ياكى كۆز قىزارتمايدىغان بولۇش
     ھەممە ئادەمدە ئازدۇر-كۆپتۇر شۆھرەتپەرەسلىق پىسخىكىسى بار، بۇنىڭدا چوڭ مەسىلە يوق؛ ئەمما بەزىبىر سىرتقى ئامىللارغا، يەنى نام-ئاتاق، پۇل دۇنيا دىگەنلەرگە زىيادە ئىتىبار بىرىپ كەتسەك، ئۇنداقتا ئۆزىمىزنى بۇنداق قىزىقتۇرۇشلار ئىچىدە يوقىتىپ قويىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بالىنىڭ دادىسى، ساختىلىق قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان، ئەمىلى تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ئادەم بولسا، ئۇنداقتا دادىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، بالىمۇ تەدرىجى ھالدا بۇ خىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرپ، ھەرقانداق ئىشتا، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىشىدىغان بولىدۇ.
بالىسىنى بىللە ئېلىپ سىرتلارغا چىقىپ ئويناپ كىلىشنى ياخشى كۆرۈش
   دۇنيا ئىنتايىن چوڭ، ئەمما بىزنىڭ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان جايىمىز ئىنتايىن كىچىك؛ بۇنداق ۋاقىتتا، بىز سىرتلارغا چىقىپ كۆرۈپ بېقىشىمىز كىرەك؛ بۇنىڭدا ئاندىن دۇنيانىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز ھەمدە تەبىئەتتىن بەزىبىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايمىز. شۇڭا بالىسىنى بىللە ئېلىپ سىرتلارغا چىقىپ كۆرۈپ كىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان دادا تەربىيىلىگەن بالىنىڭ كۆكسى قارنى كەڭ بولىدۇ شۇنداقلا ياخشى بولغان ئەخلاق-پەزىلەت ۋە مىجەز-خۇلق يىتىلدۈرەلەيدۇ.
بالىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايالىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرى قىلىشىپ بىرىش
    دادىنىڭ بۇنداق قىلمىشى، بالىلاردا كىچىكىدىنلا بىر خىل مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش ۋە ياردەملىشىش ئۇقۇمى شەكىللەندۈرىدۇ، ھەمدە ئانىسىنىڭ بۇ ئائىلىدىكى ئەڭ جاپاكەش ھەم ئەڭ قەدىرلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىشىگە پايدىلىق بولىدۇ؛ ھەتتا ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كىيىن ياخشى بولغان ئادىمىيلىك ئەخلاق ۋە خارەكتىر يىتىلدۈرىشىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
ئۆزىنىڭ شەخسى تازىلىقى ۋە ئوبرازىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش
    دادىلارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى، بالىسىغا كىچىكىدىن باشلاپلا پاكىزلىقنى ساقلاش، رەتلىك ھەم تەرتىپلىك بولۇش، سۆرەلمىلىك قىلماسلىق ھەمدە تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئاكتىپ روھى ھالەتنى ساقلاش قاتارلىقلارنى تۇنىتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇنداق ئادەتلىنىش، تەدرىجى ھالدا بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگىمۇ سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号