ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئۆزىنى كەمسىتىش پىسىخكىسى بار بالىلاردا كۆرىلىدىغان ئىپادىلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىنىڭ ئۈمىدۋار، ئۇچۇق-يۇرۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان روھى ھالىتى بار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ چۈنكى ياخشى بولغان روھى ھالەت، قىيىنچىلىقنى يىڭىش ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بىرىشتە ئىنتايىن زۈرۈر بولۇپلا قالماي، يەنە ياخشى بولغان ئادىمىيلىك خارەكتىر ۋە ساغلام پىسخىكا شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى.
   ئەلۋەتتە، بالىلار جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى بىللە ئەگىشىپ كىلىشى مۇمكىن. پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنى كەمسىتىش ئىدىيىسى، ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغان ۋاقىتتا، ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاپ قالىدىغان بىر خىل پىسخىكا بولۇپ، بۇمۇ ھىسىي-تۇيغۇ سىناق كەچمىشى ھىسابلىنىدۇ شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك كۆرىلىدىغان بىر ھادىسە ھىسابلىنىدۇ. بىراق، ئەگەر پىسخىكىسى يىتىلىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بالىلاردا، ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى كەمسىتىش ئىدىيىسى كۆرۈلسە، ئۇلاردا ئاسانلا پىسخىكىلىق توسالغۇ پەيدا بولۇپ قېلىپ، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە چىققاندا ئۆزىنى يۈرەكلىك ھالدا قويۇپ بىرەلمەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلىمىلەردە بىتەرەپلىمىلىككە ئۇچرايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
بالىلاردا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ ئۇلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار مۇناسىپ چارىلارنى قوللىنىپ بىتەرەپ قىلىشى كىرەك.
1. باشقىلار بىلەن تىكىلىپ قارىشالماسلىق
    ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بالىلارنىڭ كۆزلىرى ھەمىشە جانلىق كىلىدۇ، ئاۋازى ھەمىشە جاراڭلىق چىقىدۇ، قارىماققا ئادەمگە بىر خىل ئۇچۇق-يۇرۇق مىجەزلىك بىلىنىدۇ. ئەمما ھەمىشە بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالىدىغان، ئاۋازىمۇ پەس چىقىدىغان، سۆزلىگەندە باشقىلارغا تىكىلىپ قارىيالمايدىغان ياكى قاراشلىرى خاتىرجەمسىزلىككە تولغاندەك كۆرىنىدىغان دىگەندەك ئالامەتلەر بالىلاردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ ئىپادىلىرى بولۇپ، بۇنداق بالىلار ئادەمگە جۈرئەتسىز، مىجەزى جىمغۇردەك ۋە تارتىنچاقتەك تەسىر بىرىدۇ.
2. ئۆز پىكىر-قارىشىنى ئىپادىلەشنى خالىماسلىق
     بىز تەۋە بولغان كوللىكتىپ ياكى چەمبىرەكتە، ئۆزىنىڭ ئوي-خىيال ۋە پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەشنى خالىمايدىغان كىشىلەر بار؛ ئۇلار ھەتتا ئۆزى مەلۇم بىر ئىشنى قەتئى خالىمىغان ياكى بىرە ئىشتا ناھايىتى بەك تەڭسىزلىك ھىس قىلغان ۋاقىتتىمۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالماي، ھەمىشە باشقىلارنىڭ پىكىر ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ ئۆتىدۇ. ئەگەر بالىڭىزدىمۇ بۇنداق ئەھۋال بارلىقىنى بايقىسىڭىز، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا قارىتا دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىشى كىرەك، بولمىغاندا بالىڭىز ناھايىتى ئاسانلا، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى يوق بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
3. ئاتا-ئانىسىنى كۆرەلمىسە، تەشۋىشلىنىپ خاتىرجەم بولالماسلىق
    ئاتا-ئانىسىدىن ئازراق ئايرىلىپ بولغىچە يىغلاپ خاپا قىلىش، ئاتا-ئانىسىنى كۆرەلمىسە تەشۋىشلىنىپ خاتىرجەمسىزلىنىش؛ بۇنداق ئەھۋال، ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ، بىرسى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇش ۋە ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلىش. كىچىكىدىن باشلاپلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولغان بالىلار نىمە ئىش قىلسا جۈرئەتسىز، ئۆزىگە ئىشىنەلمەيدىغان كىلىدۇ؛ كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ زىيادە ئامراقلىق قىلىپ ئەركىلىتىشى ئاستىدا چوڭ بولغان بالىلار، مۇناسىپ چېنىقىش كەمچىل بولغانلىقتىن، ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىپ ئايرىلالماسلىق ئىدىيىسى كۈچلۈك بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنداق بالىلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن مۇستەقىل بىر ئادەم بولۇپ چوڭ بولۇشى ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号