ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاياللار ھامىلدار بولغاندا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-02 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار چوقۇم بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھامىلدار بولغان بولمىغانلىقىنى، يەنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇرۇقلانغان ياكى ئۇرۇقلىنالمىغانلىقىنى بىلىشنى ئويلايدۇ. ئادەتتە بىز ھەيىز مەزگىلى كەينىگە سۈرۈلگەندىن كىيىن، ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش قەغىزىدە سىناپ تەكشۈرىمىز؛ ئەمما ئەگەر ھەيىز دەۋرى توغرا بولماي قالسا، ئۇنداقتا مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۇرۇقلانغان ياكى ئۇرۇقلانمىغانغا ھۆكۈم قىلماق بىرقەدەر تەسكە توختايدۇ. ئەمىلىيەتتە بىز ھەيىز مەزگىلىدىن باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ ھۆكۈم قىلالايمىز، چۈنكى ئاياللار ئۇرۇقلانغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە بەلگىلىك تۈردە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ؛ بۇمۇ بەدىنىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن بىر خىل ئەسكەرتىشى بولۇپ، ئاياللار ئۆزى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ.
1. كۆكسى يۇمشاپ قالىدۇ
    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش، يۇمشاپ ۋە كۆپۈپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ شۇڭا بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئاياللار ئەنسىرەپ كەتمەستىن، ئالدى بىلەن ھامىلدار بولۇپ قالغان ياكى قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار، ئاياللارنىڭ بەدىنى زور مىقداردىكى ھورمونلارغا ماسلىشىپ بولغاندىن كىيىن، ئۆزلىكىدىن يوقاپ، كۆكسىدە ئۇنداق بىئاراملىق ئالامەتلىرى قايتا كۆرۈلمەيدۇ.
2. ئەمچەك ھالقىسى رەڭگىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ
    ئەگەر ئەمچىكىڭىزنىڭ ھالقىسىنىڭ رەڭگى قېنىقشىپ قالسا ياكى ئەمچىكىڭىزدە كۆك ۋە قىزغۇچ رەڭلىك سىزىقچىلار پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
3. ھاجەتكە چىقىش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ
    ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھاجەتكە چىقىش قېتىم سانى كۆرنەرلىك دەرىجىدە ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇغا ئۇرۇنلاشقاندىن كىيىن، تۈكلۈك بەز تۈرىدىكى ھورمون ئاجرىتىشقا باشلىغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ.  ئەگەر ھەر كۈنى كىچىسى نەچچە قېتىم ھاجەتكە چىقىش سەۋەبىدىن ئىچىڭىز پۇشقان بولسا، ھېچقىسى يوق، سىز بۇنى بىر خىل چېنىقىش دەپ بىلىڭ؛ چۈنكى كەلگۈسىدە ئوڭۇشلۇق تۇغقاندىن كىيىن، سىز تۇغقان ئوماق چوقۇم ھەركۈنى يېرىم كىچىلىرى قوسىقىم ئاچتى دەپ سىزنى ئويغىتىدۇ.
4. قان كۆرۈلىدۇ ۋە يېغىلىپ تارتىشىش كۆرىلىدۇ
   ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇغا چۈشۈپ سەككىز كۈندىن كىيىن، سىزدە بەلكىم يىنىك دەرىجىدە قىزغۇچ ياكى قوڭۇر رەڭلىك قان كۆرۈلۈش پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋالغا ئەگىشىپ يەنە يېغىلىپ  تارتىشىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن؛ بىراق بۇ فىزىلوگىيىلىك مەزگىل ئەمەس، بەلكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا چۈشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
5. ھارغىنلىق ھىس قىلىش
    ھەمىشە زىھنىڭىز ئۇرغۇپ تۇرىدىغان سىز، تۇيۇقسىزلا ھارغىنلىق ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ لۇتېئون(黄体素)ننىڭ كۆپ مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىشى، سىزگە ھارغىنلىق ھىس قىلدۇرىدۇ. ئاساسى جەھەتتىن بارلىق ھامىلدار ئاياللار بۇ خىل ئالامەتنىڭ ئازابىغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، سىز باشقا ئالامەتلەرنىمۇ كۆزىتىپ، بۇ ئارقىلىق كۆڭلىڭىزدىكى گۇمانىڭىزنى تۈگەتسىڭىز بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号