ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ ئادەتلەرنى بالىڭىز ئالتە ياشتىن بۇرۇن يىتىلدۈرۈشى لازىم
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مىنىڭ قارىشىمچە، ياخشى ئادەت بانكىدا پۇل ئامانەت قويغانغا ئوخشايدۇ، ئامانەت قويغان ۋاقتىڭىز قانچە ئۇزۇن بولغانسىرى، پۇل شۇنچە كۆپىيىپ ماڭىدۇ؛ يامان ئادەتلەر بولسا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئالغانغا ئوخشايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى قەرزىڭىز شۇنچە كۆپىيىپ بارىدۇ.
   بىز ھەمىشە بالىلار بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ئۇلاردا ياخشى ئادەتلىنىشنى شەكىللەندۈرسەك، ئۇلار كەلگۈسىدە ئوخشاش بولمىغان ھاياتلىققا ئىرىشىدۇ. شۇڭا ئادەتتە بالىلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئۆسۈپ-يىتىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرغۇچە، ئەڭ ياخشىسى بالىلارنىڭ ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈشىگە بالدۇرراق تۇتۇش قىلىپ، ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىغا ماسىلىشالىشى ئۈچۈن ئاساس سالغىنىمىز ئەۋزەلدۇر.
1. تەرتىپلىك بولغان تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈش
    بالىلارنىڭ ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرالماي، ھەمىشە مەكتەپكە كىچىكىپ بېرىشى، ئاخشىمى ئويناپ ئۇخلىغىلى ئۇنىماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، كىچىكىدىن باشلاپ تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرمىگەنلىكتىن بولىدۇ.
  بالىلارنىڭ تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، بالدۇر يېتىپ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇشقا ئادەتلىشىنى كىرەك. بۇندىن باشقا يەنە، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقىشىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، ئەگەر ئۇلار بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە، پىلان بويىچە ئۇخلاپ، ئەتىگىنى پىلان بويىچە سەھەر ئورنىدىن تۇرالىسا ئۇلارنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
2. مەدەنىيەتلىك ۋە ئەدەپلىك بولۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش
    بالىلارغا ئالدى بىلەن سۆز جەھەتتە مەدەنىيەتلىك بولۇشنى، يەنى "سەت گەپ" قىلماسلىق، تۇنۇيدىغان كىشىلەرنى كۆرگەندە ئەھۋال سوراش قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈش؛ يەنە بىر تەرەپتىن يۈرۈش-تۇرۇشى ئەدەپلىك بولۇشنى، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۈنلۈك ئاۋازدا سۈرەن سالماسلىقنى، ئۆچرەتكە تىزىلغاندا ئەدەپلىك بولۇپ يول قويۇشنى ئۆگىتىش كىرەك.
    ئاتا-ئانىلار مەدەنىيەتلىك ھەم ئەدەپلىك بولۇشنىڭ پۇقرالارنىڭ ئەك ئاساسى ساپاسى ئىكەنلىكىنى بالىلارغا چۈشەندۈرۈشى، ھەرگىز بالىلارنىڭ تېخى كىچىك ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى ئەركە قىلىۋەتمەسلىكى كىرەك.
3. ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىش ئىقتدارىنى يىتىلدۈرۈش
    تاماق يىيىش، كىيىمىنى كىيىش، ياتاق ئۆيىنى رەتلەش دىگەن ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارلىرىنى، بالىلار بىر يېرىم ياشتىن ئاشقاندىن باشلاپ، نوقتىلىك تۈردە يىتىلدۈرۈشنى باشلاش كىرەك؛ دەسلىۋىدە بالىلار ياخشى قىلىپ كىتەلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا كۆپ ئارىلىشىۋالماي، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ ھەمدە مۇۋاپىق تۈردە كۆرسەتمە بىرىش ئارقىلىق ئۇلارغا يىتەكچىلىك قىلىش كىرەك، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى بارغانسىرى كۈچىيىپ كىتىدۇ.
    ئادەتتە بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىشنى ئۈگىتىپ، ئۇلارنى زىيادە ئەركە قىلىۋەتمەسلىك ھەمدە ئۇلارنى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارغا ئەمگەكنىڭ ئەھمىيىتىنى تۇنۇتۇش كىرەك. بۇندىن باشقا يەنە، بالىلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغاندا، ئۇلارنى ماختاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كونكىرىتنى قايسى جەھەتلەرنى ياخشى ئۇرۇندىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىشنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك.
4. ياخشى بولغان ئوقۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈش
    نۇرغۇن بالىلار مەكتەپكە بېرىشنى ئاڭلىسا بېشى ئاغرىيدۇ، كىتاپقا قارىسىلا ئۇيقۇسى كىلىدۇ؛ بۇ ئۇلارنىڭ كىچىكىدىنلا ئوقۇش ئادىتى يىتىلدۈرمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. تۈپ سەۋەپ بولسا، ئاتا-ئانىسىمۇ ئەسلىدە كىتاپ ئوقۇشنى ياقتۇرمايدىغان بولغاچقا، ئائىلدە ياخشى بىر كىتاپ ئوقۇش مۇھىتى يوق بولىدۇ.
    بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ: ئاتا-ئانىلار مەزمۇنلۇق بالىلار كىتاپلىرىدىن تاللاپ، بالا بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۇلارغا ئوقۇپ بىرىشى ھەمدە ئۇلارغا بالىلار ناخشىسى ئوقۇپ بىرىشى كىرەك. 3-2 ياش ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا، ھەر كۈنى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەمرا بولۇپ كىتاپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىش كىرەك. ئاخىرىدا، بالىلار ئۈچ ياشتىن ئاشقاندا، بالىلارنى كىتاپتىن ئوقۇغان مەزمۇنلىرىنى سۆزلىگىلى قويۇپ، ئاتا-ئانىلار ئاڭلىغۇچى تاماشىبىن بولۇش.
5. تەنھەرىكەت بىلەن چېنىقىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش
    بالىلارنىڭ بەدەن سۈپىتى ئازراق ناچار بولۇپ قالسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى، نىمىلەرنى يەپ قۇۋۋەت تۇلۇقلاش بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش بولۇپ، بۇنىڭدا ھەم ئۇزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلار سېمىزلىكىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ: دادىلار ئاساسلىق رول ئويناپ، بالىلارنى سىرتلارغا ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىشقا كۆپرەك ئېلىپ چىقىشى كىرەك. بالىلارنىڭ ئاز دىگەندە بىر خىل تەنھەرىكەت ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش. ئاخىرىدا، بالىلارنى ئەتراپتىكى باشقا كىچىك دوستلار بىلەن كوللىكتىپ "پائالىيەت" ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كوللىكتىپ ئىچىدىكى ئۆز-ئارا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
    ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ياخشى ئادەتلىرىنى يىتىلدۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئۆزىمۇ شۇ ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈشى كىرەك؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمىلىي سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشى، باشقا ھەرقانداق ئۇسۇللاردىن ئۈنۈملۈك كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号