ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئاياللار بۇ بەش ئىشنى قىلىپ بەرسە ھامىيلىگە پايدىلىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ھامىلدار ئايالنىڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، تۆۋەندىكى بەش ئىشنى قىلىشنى ھامىلدار ئاياللار نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كىرەك؛ بۇنىڭدا ھامىيلىنىڭ ياخشى ھالدا ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
1. ھامىيلىگە مۇڭلۇق ئاۋازلارنى ئاڭلىتىش
    ھامىيلىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا يىتىلىشكە باشلايدىغان بولۇپ، ئانا ھەمىشىگە قورسىقىدىكى بالىسىغا مۇڭلۇق ئاۋازلارنى ئاڭلاتسا، بۇ ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. ئۇنداقتا مۇڭلۇق ئاۋاز قايسى ئاۋازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ تەبىئەتتىكى قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، سۇ ئاققان ئاۋازلار ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىنى ئازادىلاشتۇرالايدىغان بولۇپ، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئانىنىڭ ئاۋازى ھامىيلىنىڭ ئانىسىنىڭ ھەر دائىم يېنىدا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ھامىيلىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. دادىلارمۇ بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھامىيلىگە گەپ قىلىپ بىرىشى لازىم، بۇنىڭدا دادا-بالا ئوتتۇرسىدىكى ھىسياتنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
    رېتىملىق، مۇڭلۇق، ئاددى مۇزىكىلار ھامىيلىنىڭ ئاڭلىشىغا تېخىمۇ ماس كىلىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن مۇقىم ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، قورسىقىدىكى بالىغا مۇزىكا قويۇپ بەرسە بولىدۇ.
2. قورسىقىنى مۇۋاپىق تۈردە سىيلاپ بىرىش
    ھامىلدار ئاياللار قورساق قىسمىنى سىيلاپ بەرسە، بۇ بالىنىڭ تىگىشىش سىزىمى، نىرۋا سېستىمىسى ۋە چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدىن باشلاپ، ھامىلدار ئاياللار قورساق قىسىمنى سولدىن ئوڭغا قارىتىپ سىلاپ بەرسە؛ قورسىقىغا 8ئايلىق بۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىپ، 8ئايلىقتىن ئاشقاندىن كىيىن، ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ سىيلاپ بەرسە بولىدۇ. ھەر قېتىملىق سىيلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك، كۈنلۈك سىيلاش قېتىم سانىمۇ كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك لازىم ھەمدە كۈچ جەھەتتە يىنىك سىيلاش لازىم.
3. مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلىش
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، پەقەت جىسمانى جەھەتتىكى شارائىتى يار بەرسىلا، ھەرىكەت قىلىش جەھەتتە ھۇرۇنلۇق قىلماسلىق لازىم. ھامىلدار ئاياللار مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ بەرگەندە، مىتابولىزىم تىزلىشىپ، بەدىنىدىكى ئوكسىگىن مىقدارىمۇ ئاشىدۇ، بۇنىڭدا ھامىيلىنىڭ نىرۋا سېستىمىسى ۋە بەدىنىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. ھەرىكەت قىلىش ھامىلدار ئايال ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ھامىيلىنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىنى قامداشقا پايدىلىق بولىدۇ. بۇندىن باشقا مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلىش، ھامىلدار ئايالنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆزى تۇغۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
4. يىمەك-ئىچمەك ۋە ئۇزۇقلۇق ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇش
    يىمەك-ئىچمەك ۋە ئۇزۇقلۇق بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئاساسى؛ ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئاياللار يىمەك-ئىچمەك ۋە ئۇزۇقلۇقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى لازىم.  ھامىلدار ئاياللار ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە ئىھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تېخىمۇ ياخشى تەمىنلىگەندە، ھامىيلە ئاندىن ساغلام ھالەتتە ئۆسۈپ-يىتىلەلەيدۇ. شۇڭا ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، تاماق تاللىماسلىقى، ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىكى، ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
5. چۈشلۈك ئارام ئېلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش
    ھامىلدار بولغاندىن كىيىن چۈشلۈك ئارام ئېلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، ھامىلدار ئاياللارنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى ھارغىنچىلىقىنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدار ئايال چۈشلۈك ئارام ئېلىش ياخشى ئادىتىنى يىتىلدۈرسە، ھامىيلە تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭمۇ ياخشى بولغان كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈشى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号