لاياقەتلىك دادا بولۇشتىكى سەككىز تۈرلۈك ئۆلچەم
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
"ياخشى دادا" قانداق بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا، بەلكىم ئوخشىمىغان ئادەم ئوخشىمىغان جاۋاپ بىرىشى مۇمكىن. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بالىلارغا يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچەكتىن غەم قىلمايدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش شارائىتى ھازىرلاپ بەرگەندە ئاندىن ياخشى دادا ھىسابلىنىدۇ؛ بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ھەر كۈنى بالىلارنىڭ يېنىدا ئۇلارغا ھەمرا بولۇپ ئۆتسە ئاندىن ياخشى دادا بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، مۇلايىم، مىھرىبان كەلسە ئاندىن ياخشى دادا بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، ياخشى دادا زادى قانداق بولىدۇ؟ ياخشى دادىلارنىڭ قانداق ئۆلچەملىرى بار؟

1. "قاتنىشالماي قالمايدىغان" دادا بولۇش
ياخشى بولغان ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى، بالىلارنى بولغان تەربىيىلەشنى ئوڭۇشلۇق باشلاشنىڭ ئاساسى؛ دادا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، خىزمىتىڭىز ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالىڭىزغا كۆپرەك ھەمرا بولۇشىڭىز كىرەك. ئەگەر دادا بالىسىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىغا ھەمىشە قاتنىشالماي قالسا، ئۇنداقتا بالىلار ئۆزىنى نەزەردىن ساقىت قىلىنغاندەك، ئىتىبار بىلەن قاراشقا ئىرىشەلمىگەندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ ھەمدە سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىنى، "ئويناش" ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، دادىلار ئۆزىنىڭ چوڭ سۈپەتلىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بالىلار بىلەن خۇشاللىققا چۆمگەن ھالەتتە بىللە ئويناش جەريانىدا ئۇلارنى گەپ ئاڭلايدىغان، ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان بولۇشقا يىتەكلەش لازىم.

2. ئويناشنى بىلىدىغان دادا بولۇش
ئويناش، بالىلارنىڭ تۇغما ئالاھىدىلىكى. دادىلار ئۆزىنىڭ دادىلىق سالاھىيىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئەرلەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن زىھنى بىلەن بالىلارغا ھەمرا بولۇپ بىللە ئوينىشىپ بەرسە، ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىن ھەم چوڭقۇر قىلغىلى بولۇپلا قالماي، بالىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا بەزىلەر دىيىشى مۇمكىن، تۇرمۇش ۋە ئۆي قەرزىنىڭ بېسىمى سەۋەپلىك، مەن توختىماي سىمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىمەن، بالىغا ھەمرا بولىدىغان ۋاقىت ئەسلا چىقمايدۇ. بىراق، سىمىنا قوشۇپ ئىشلىمىگەن ۋاقىتلاردا، سىز قانچىلىك ۋاقىتنى يانفون ئويناش ئۈچۈن سەرپ قىلىسىز؟ تىرىشىپ پۇل تېپىش بالىلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان تۇرمۇش ۋە تەربىيىلىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ، ئەمما سىز بالىغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تەربىيەنىڭ ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىسىز.

3. زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىغان دادا بولۇش
بالىلار بىلەن يېقىن بولغان، باراۋەر بولغان، ئىجابى خارەكتىردىكى ئاتا-بالا مۇناسىۋىتى قۇرۇپ چىقىش كىرەك؛ بالىلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئادىمىيلىكى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
بەزىلەر دىيىشى مۇمكىن، دادا دىگەن ئاز-تولا ھەيۋىسى بار بولۇش كىرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئائىلە تەربىيىسى جەريانىدا، بالىلاردا ئاندىن تارتىنىش بار بولىدۇ. بىراق بۇنداق بولغاندا، بالىلار بەلكىم تەشۋىشلىنىش ۋە جازاغا ئۇچراشتىن ئەنسىرەش قاتارلىق سەۋەپلەردىن ۋاقىتلىق ئوڭشىلىپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئەمما ئۇلارنى مىنى چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەت قىلسۇن دىسىڭىز، بۇنى بىر-ئىككى ئېغىز قورقۇتۇش ئاقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

4. ئۆگەنگۈچى تىپىدىكى دادا بولۇش
بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى تەكىتلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمىز ئەزەلدىن قولىمىزغا كىتاپ ئېلىپ باقمىساق، بۇنىڭدا بىلىپ-بىلمەي، بالىلارغا نسىبەتەن "يامان تەسىر" بىرىپ قويىمىز.
بەزىلەر مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا ئۇنچە بەك كىتاپ ئوقۇپ كەتمەيتتىم، ھازىر ياش بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا كىتابنى تېخىمۇ كۆرۈپ بولالمايمەن دەپ قارايدۇ؛ بىراق، ئۇلار راستىنلا كىتاپ كۆرۈشكە ئىھتىياجلىق بولمامدۇ؟ سىز خىزمەتتە ھەرقانچە يامان ھەم پىشقان بولسىڭىزمۇ، سىز ئاڭقىرالماي قالىدىغان مەسىلە ھامان بار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر ئاڭقىرالماي قالغان مەسىلىلىرىڭىز بولمىغان تەقدىردىمۇ، كىتاپنى كۆپرەك كۆرسىڭىز، ھامان پايدىسى بار بولىدۇ.

5. كۆڭۈل چۈشىنىدىغان دادا بولۇش
بالىلار قاشىلىشىش پىسخىكىسى مەزگىلىگە كىرگەندىن كىيىن، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئاساستا ھەمىشە چوڭلار بىلەن قارشى پىكىردە چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئائىلىدە بولسا،بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ۋاقىتتا، دادا بولغۇچى سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا بالىغا ئاچچىقلىنىپ كەتمەستىن، بەلكى سەۋرچانلىق بىلەن مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ ۋە چۈشەنچە بىرىپ، ئەرلەرنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە، ئۆز-ئارا قانداق مۇناسىۋەت ساقلاش كىرەكلىكىنى ئېيتىپ بىرىشى كىرەك. ئەمىلىيەتتە، يۇقىرى ئاۋازدا تەنبىھ بىرىش، تەن جازاسى بىرىش دىگەنلەر ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالمايدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلمىشلار ئەكسىچە بالىنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ، ئۇلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇش، تەشۋىشلىنىش شەكىللىنىش، نەپرەت تۇغۇلۇش قاتارلىق ناچار پىسخىكىلىق ھالەتلەر شەكىللىنىپ قالىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئەقلى ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىشى مۇمكىن.

6. قەيسىرانە دادا بولۇش
دادا، بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى بولۇپ، دادىلارنىڭ قەيسەرلىكى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى دەرسلىكى بولالايدۇ.
تەقلىد قىلىپ دوراش بالىلارنىڭ تۇغما قابىلىيىتى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە، بالىلارنىڭ بىردىنبىر تەقلىد قىلىپ دوراش ئوبىكتى بولىدۇ؛ سىزنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىڭىز، بالىڭىز تەرپىدىن بىرمۇ-بىر قايتىلىنىپ ئىپادىلىنىدۇ. دادىلار بەزىبىر ياخشى ئادەتلەر، مەسىلەن باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، ئەدەپلىك بولۇش، سەمىمى بولۇش، خاتالىقىنى تۇنۇيدىغان بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بالىلارغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەربىيە ئىشلىمىكى لازىمدۇر.

7. كەمتەر دادا بولۇش
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى، بالىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دوراش ئوبىكتى، شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنىڭ بالىلارغا بىرىدىغان تەسىرى ئىنتايىن زور. ھاكاۋۇر ئاتا-ئانا ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ئۆزىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىدىغان بالا تەربىيەلەپ چىقىدىغان بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەسلى شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغاچقا، ھەمىشە بالىلارنىڭ ئالدىدا باشقىلارنى ياراتمىغان ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىپادىسىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۇلارنى دوراپ، پەقەت ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا كۆرۈپ، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى مەسخىرە قىلىدۇ.
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ياخشى ئەخلاق-پەزىلەت يىتىلدۈرۈشىدىكى ئۈلگۈسى بولۇشى، ھەممە ئىشتا كەمتەر بولۇپ، بالىلار ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ چاغلايدىغان كەيپىيات ئىپادىلەپ چىقىرىشتىن ساقلانمىقى لازىمدۇر.

8. داۋالى سۆزلەيدىغان دادا بولۇش
بەزى دادىلار "تاياق-توقماق ئاستىدا ۋاپادار بالا چىقىدۇ" دىگەن قاراشقا ئىشىنىدىغان بولۇپ، بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ۋاقتىدا، ئۇلار ھەمىشە قوپاللىق بىلەن ئەيىبلەيدۇ، ھەتتا بالىلارنى ئۇرۇپ-تىللايدۇ. بالىنى ئۇرۇش ئاددى بولغان تەربىيە قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، شۇھامان بالىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرگىلى بولىدۇ ھەم ئاچچىقىنى چىقىرالايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بىلمەيدىغىنى، بۇنداق ئاددى ئەمما قوپال بولغان تەربىيە ئۇسۇلى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندا، بالىلارنىڭ غورۇرى ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچراپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ يوق بولۇپ قالىدۇ.
ئەمىلىيەتتە، ياخشى دادا بولۇشتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى، بالىلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەمراھ بولۇشتۇر؛ پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا بالىلاردىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ ھەمدە بۇ مەسىلىلەرگە قانداق پۇزۇتسىيەدە بولۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغىلى بولىدۇ؛ چۈنكى پەقەت ھەمرا بولۇشلا، ئاندىن بالىلارغا ئاتا مىھرىنى ھىس قىلدۇرالايدۇ.