ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بۇ خىل "ئازگاللاردىن" ئىھتىيات قىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى، قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىدۇر. گەرچە تۇنجى تۇغۇتتا بالىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغۇش، ھاياتلىقتىكى چوڭ بىر ئىش؛ شۇڭلاشقا بىز قوساقتىكى بالىنىڭ ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولىشىمىز، ھەرقانچە كىچىك ئېھتىماللىق بولسىمۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. ئەمىلىيەتتە، تۇغۇلما گېن ئامىلى ۋە خروموسوم مەسىلىسىدىن باشقا، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشى يەنە ھامىلدار ئايالنىڭ نۇرغۇن قىلمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمما بۇ خىل قوساقتىكى بالىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ  قېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان "ئازگاللار"، ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈش ئارقىلىق ساقلىنىپ قېلىشقا بولىدىغان ئامىللاردۇر.
     شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر قورسىقىڭىزدىكى بالىڭىزنى غەلىتە شەكىللىنىپ قالمىسۇن دىسىڭىز، تۆۋەندىكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئازگاللارغا چۈشۈپ كىتىشتىن ساقلىنىڭ!
زۇكامداپ قىزىپ قېلىش
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلانماق لازىم. ئەگەر زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىشتىن بۇرۇن، زەنجىۋىل شورپىسى ئىچىش قاتارلىق يىمەكلىكتە داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ياكى دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسى ئاستىدا، ھامىيلىگە تەسىرى يوق جۇڭگۇ تىبابىتى دورىلىرى ئىچىپ، ۋاقتىدا ساقىيىپ كىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك. بولمىسا، كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، يۇقىرى دەرىجىدە قىزىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇ، قورساقتىكى ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە قارىتا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ھامىلدار ئايالدا يۇقىرى دەرىجىدە قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، قورساقتىكى ھامىيلىنىڭ مىڭە ئورگانىزىمىنىڭ يىتىلىشى ناچار تەسىرگە ئۇچراپ، تۇغۇلغاندىن كىيىن ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ناچار ھادىسىلەر كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. شۇڭا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللار ئىمكان قەدەر زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم؛ بولمىغاندا داۋالىماق تەسكە توختاپلا قالماي، يەنە تېخى قورساقتىكى ھامىيلىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ئەرمەك ھايۋانلاردىن يېراق تۇرۇش
    دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئەرمەك ھايۋانلاردىن يېراق تۇرۇش كىرەك ئىكەن. چۈنكى ئەرمەك ھايۋانلار، بولۇپمۇ مۆشۈكنىڭ تېنىدە، ئەگمە شەكىللىك پارازىنت قۇرت ئېلىپ يۈرۈش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئاياللار ھەمىشە مۈشۈكنى قۇچاقلاپ، مۆشۈك بىلەن تىگىشىپ ئۇچراشسا ياكى مۆشۈكنىڭ گەندىسى بىلەن ئۇچراشسا، ئاسانلا ئەگمە شەكىللىك پارازىنت قۇر بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدىكەن. ئۆزى باققان ئەرمەك ھايۋاندا بۇخىل پارازىنت قۇرت يوق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەرمەك ھايۋانلار باشقا ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، يەنىلا ئەگمە شەكىللىك پارازىنت قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىشى ھەمدە بۇنى ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ھامىلدار ئاياللار، بۇ خىل ئەگمە شەكىللىك پارازىنت قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا، ھامىيلە چۈشۈپ كىتىش خەۋپى تۇغۇلۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.
كەيپىيات ئۆزگىرىشى چوڭ بولۇش
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، كەيپىيات ئۆزگىرىشى چوڭ بولۇش، ئۇزۇن مەزگىل روھى جىددىچىلىك ھالىتىنى ساقلاش قاتارلىقلارمۇ، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. بولۇپمۇ ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 12-4 ھەپتە ئارلىقىدىكى ۋاقىت، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى يۇقىرقى تامغاق قىسمى ۋە يۇقىرقى ئېڭەك سۆڭىكى يىتىلىپ شەكىللىنىشتىكى ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، ئەگەر بۇ مەزگىلدە ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىدا چوڭ داۋالغۇش كۆرۈلسە، ھامىيلىنىڭ غەلىتە يىتىلىپ بالىنىڭ كالپۇكى يېرىق تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ئىمكان قەدەر كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ساقلاپ، لەرزان مۇزىكىلارنى كۆپرەك ئاڭلاپ بىرىشى كىرەك.
    يۇقارقىلاردىن باشقا، بەزىبىر ئادەتتىكى ساۋات تىپىدىكى "ئازگاللار"دىن، يەنى ھاراق ئىچىش، قېنىق گىرىم قىلىش قاتارلىقلاردىنمۇ ساقلىنىپ، ھەممىدە قوساقتىكى بالىنىڭ ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号