ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بۇ ئۈچ "سەتچىلىكتىن" ئەنسىرەش كەتمەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئوخشىمىغان ئادەمدە ئوخشاش بولمىغان ھامىلدارلىق ئىنكاسلىرى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللاردا، تۆۋەندىكىدەك ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ئەھۋاللار ئەمىلىيەتتە ياخشى بىشارەت بولۇپ، قورساقتىكى بالىنىڭ ساغلام ھالەتتە يىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
1. كىچىك تەرەت تېمىپ بىرىش
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلە ھەر ۋاقىت دىگۈدەك ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا تۇرۋاتقان بولغاچقا، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى، جۈملىدىن ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسى تەدرىجى ھالدا يوغىناپ، ھامىلدار ئايالنىڭ دوۋسىقىنى باسىدۇ ھەم دەل بۇ سەۋەپلىك، ھامىلدار ئاياللاردا سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولىدىغان، سۈيدۈك تۇتالماي تېمىپ بىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار گەرچە ھامىلدار ئاياللارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويسىمۇ، بىراق بۇ ھامىيلىنىڭ كىيىنچە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئانىنىڭ داس سۆڭىكىگە كىرىشى ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىق، يەنى بالىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىقتۇر. بىرلا ۋاقىتتا، بۇ ھەم قوساقتىكى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
2. قەۋزىيەت
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بەدەندىكى ھورمۇنلار سەۋيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، بۇ سەۋەبلىك ھامىلدار ئايالنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيلىرى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنىڭ ئاستىلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللاردا قەۋزىيەت كۆرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاجەتخانىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىگەللىۋالغاندا، باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ ئوسال ئەھۋالغا قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بىراق ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭدىن قايغۇرۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى، بۇ ئەھۋال قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئالامىتى.
3. ئېغىزى پۇراش
    ھامىلدار ئاياللاردا، قورسىقىغا تۆت ئايلىق بولغان مەزگىللەردە ئېغىزى پۇراش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە ئەتىگىنى بىر قەدەر ئېغىرراق بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال، ھامىلدار ئايالدا قەۋزىيەت كۆرۈلگەنلىكتىن، بەدەندىكى زور مىقداردىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلەلمەي، ئېغىزىمىزدىكى سېسىق پۇراقلار ئارقىلىق تارقىلىپ چىقىدۇ.
   ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇقارقىدەك ئوڭايسىز ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ھامىلدار ئاياللار ئەنىسىرەپ ياكى قايغۇرۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئەھۋاللار، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ. ئادەتتە، مۇۋاپىق تۈردە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، قەۋزىيەت ۋە ئېغىز پۇراش ھادىسىسىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号