ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋىقىڭىزدا بۇ ئالاھىدىلىكلەر بولسا، كەلگۈسىدە بويى ئېگىز بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىرقى جەمئىيەتتە، بويى ئېگىز كىشىلەر ھەقىقەت ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە ھىسابلىنىدۇ؛ مەسىلەن، نۇرغۇن خىزمەتلەر بوي ئېگىزلىكىگە ئېنىق چەكلىمە قويىدۇ، مۇھەببەت ئوبىكتى تاللاشتىمۇ بويى ئېگىزلەرگە نومۇر قوشىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ، ھەپتە-ئون كۈندە بىر بالىسىنىڭ بويىنى ئۆلچەپ، بويىنىڭ قانچلىك ئۆسكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولىدۇ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق بالىسنىڭ كەلگۈسىدە قانچىلىك ئېگىز ئادەم بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە بالىلار كىچىك ۋاقتىدىلا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى تۆت قىسىمدا، بۇ ھەقتە كۆرسەتمە بار بولىدۇ.
1. تىز ئورنى نىسبەتەن ئېگىز
    ئادەتتە، بويى ئېگىز كىشىلەرنىڭ تىز ئورنى قىسمى نىسبەتەن ئېگىزدە كىلىدۇ؛ تىز قىسىمنىڭ ئورنى پۇتلىرىمىزنىڭ سوزۇلۇش دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، تىز ئورنى قىسمى نىسبەتەن ئېگىزدە كەلگەن كىشىلەر، كەلگۈسىدە بويى ئېگىز بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ تىز قىسمى، ئوخشاش ياشتىكى باشقا بالىلارنىڭكىگە قارىغان ئېگىزدە بولسا، ئۇنداقتا بالىڭىز كەلگۈسىدە چوقۇم بويى ئېگىز ئادەم بولىدۇ.
2. پاچىقى ئۇزۇن
    مەيلى دەرىجىدىن تاشقىرى كىيىم مودىللىرى بولسۇن ياكى، بويى ئېگىز چولپانلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى بار: ئۇلارنىڭ پۇتى ئۇزۇن! بالىلارمۇ شۇنىڭغا ئۇخشاش بولۇپ، ئەگەر كىچىكىدىلا پۇتلىرى ئۇزۇن بولسا، پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدىكى ئۇزۇقلۇقى تەڭپۇڭ بولسا ياكى باشقا بىر تاسادىبىلىقلار كۆرۈلمىسە، ئۇلار كەلگۈسىدە چوقۇم ئېگىز ئادەم بولىدۇ.
3. پۇتى(تاپان قىسمى) ئۇزۇن
    پۇت ۋە پاچاق، ئادەمنىڭ بەدىنىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئاساسلىق قىسىمى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇمۇ يىتىلىشى ئەڭ تىز بولغان قىسىم. نۇرغۇن بالىلار 14ياش ئەتراپىدا يىتىلىشتىن توختايدۇ. ئادەمنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ يىتىلىشى ئۆز-ئارا ماسلىشىپ كىلىدىغان بولۇپ، پۇتى(تاپان قىسمى) ئۇزۇن كەلگەن كىشىلەرنىڭ بويىمۇ پاكار بولۇپ قالمايدۇ.
4. بىلەكلىرى ئۇزۇن
    قوللىرى ۋە پاچاقلىرى ئۇزۇن بولۇش، بويى ئېگىز كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. تۇرمۇشىمىزدىكى يەنە بىر ئاددى ساۋات بۇ نوقتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ؛ يەنى، ئادەم ئىككى بىلىكىنى تۈز كېرىپ ئاچقان ۋاقتىدا، ئىككى قولىنىڭ ئۇچى ئارىسىدىكى ئارىلىق ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەڭ بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەمنىڭ بىلەكلىرى قانچە ئۇزۇن بولسا، بوي ئېگىزلىكىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەتتە بويى ئېگىز كىشىلەرنىڭ بارماقلىرىمۇ ئۇزۇن كىلىدىغان بولۇپ، بويى پاكار كىشىلەرنىڭ بارماقلىرى ئەكسىچە قىسقا ھەم نىسبەتەن توقماقراق كىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر بالىڭىزنىڭ بىلىكى ۋە بارماقلىرى ئۇزۇن بولسا، ئۇ كەلگۈسىدە چوقۇم بويى ئېگىز ئادەم بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号