ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتى قىستاپ يېقىنلاشقاندىكى ئالامەتلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغان ھامىلدا ئاياللار، پەقەت تۇلۇق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن ھەممە جەھەتلەردىن تەييارلىق كۆرگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ خاتىرجەم ھالدا يىڭى ھاياتلىقنى ئوڭۇشلۇق كۈتىۋالالايدۇ. بۈگۈن، تۇغۇت مۇتەخەسسىسى سۈي يۈتاۋنىڭ ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتى قىستاپ يېقىنلىشپ قالغان ۋاقىتتا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى توغرىسىدا بەرگەن چۈشەنچىسىنى كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
تۇغۇت يېقىنلاپ قېلىشنىڭ ئالامىتى
    نۇرغۇنلىغان تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان ھامىلدار ئاياللار، ئۆيدە بىرەر مەسىلە كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ياكى دوختۇرخانىغا ئۈلگۈرمەيلا تۇغۇتى قىستاپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئەمدى تولغاق تۇتۇشقا باشلىغان ھامانلا ئالدىراش دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇشنى ساقلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر دوختۇرلار ھامىلدار ئايالنىڭ باش سۈيىنىڭ تېخى تىشىلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بايقىسا، ھامىلدار ئاياللارنى قايتىپ كىتىپ داۋاملىق ساقلاشقا بۇرۇيدۇ.
     ئادەتتە، ھامىلدار ئاياللاردا تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇشقا تەييارلىق قىلسا بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالامەتلەر ئوخشاش بولمىسا، دوختۇرخانىغا بېرىش جىددىلىك دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
قىزىل كۆرۈلۈش
    تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينىيۇمشاپ قىسقىراشقا باشلايدۇ؛ بالىياتقۇ ئېغىزى بارغانسىرى كېڭىيىپ، ئەسلىدە بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىنى ئىتىپ تۇرغان بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق نۆكچىسى تەدرىجى ھالدا چۈشۈشكە باشلايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاز مىقداردا ئۇچۇق قىزىل رەڭلىك ياكى قوڭۇر رەڭلىك شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ؛ بۇ خىل ھادىسە قىزىل كۆرۈلۈش دەپ ئاتىلىدۇ.
    بىراق، ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەپلىك، قىزىل كۆرۈلۈشنىڭ تۇغۇت ۋاقتىنىڭ قىستاپ قالغانلىقىدىن دىرەك بىرىشى ناتايىن. ئىنىقراق ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، قىزىل كۆرۈلگەندە، تولغاق تۇتۇش چاستوتىسىغا(تۇتۇش قېتىم سانى، ۋە ئىككى قېتىملىق تولغاقنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت) دىققەت قىلىش لازىم. ئەگەر بىنورماللىق ھىس قىلسا ياكى ئىنىق ھۆكۈم قىلالمىسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇرلارغا تەكشۈرتۈپ بىكىتىش لازىم.
تولغاق بەلگىلىك رېتىم بويىچە تۇتۇش
    تولغاق ھەر بەش مىنۇتتا بىر تۇتۇپ، ھەر قېتىمدا بىر مىنۇت ئەتراپىدا تۇتسا، ھەمدە بۇ ئەھۋال بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشسا، بۇ قاتتىق ھەم بەلگىلىك رېتىم بويىچە تۇتقان تولغاق بولىدۇ.
    بەش مىنۇت، بىر مىنۇت، بىر سائەت، بۇ ئۈچ خىل سانلىق قىممەت دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كىرەكلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان ئۆلچەم بولۇپ، ئادەتتە "511 قانۇنىيىتى" دەپ ئاتىلىدۇ.
   بۇ ۋاقىتتا تولغاق تۇتقاندا، قورساق ئاستى قىسمى تۇرۇپ قاتتىقشىپ ئاغرىشقا باشلايدۇ ھەمدە بەل قىسىم سىقىراپ ئاغرىيدۇ. رېتىملىق تولغاق پەيدا بولۇشى، ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت بىرىنچى باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا تۇرۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايال دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇش تەييارلىقىنى كۆرۈشى كىرەك.
باش سۈيى تىشىلىپ كىتىش
    جىنسى ئەزادىن تۇيۇقسىزلا سۈيدۈككە ئوخشاش رەڭسىز، پۇراقسىز سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىش ھەمدە ئېقىپ چىققان ۋاقىتتا كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان ھادىسە باش سۈيى تىشىلىپ كىتىشتۇر.
    بۇ ۋاقىتتا تولغاق تۇتقان بولسۇن ياكى تۇتمىغان بولسۇن، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كىرەك. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغان بىر نوقتا، باش سۈيى تىشىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ھامىلدار ئايال دەرھال ئوڭدىسغا تۈز يېتىپ، پەللەك قىسمىغا ياستۇقتەك بىرەر نەرسە قويۇپ، باش سۈيىنىڭ داۋاملىق ئېقىپ چىقىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم ھەمدە دەرھال جىددى قۇتقۇزۇشقا تېلفون بىرىشى لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号