ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋىقىڭىزنى ئېھتىياجغا قاراپ ئىمىتەمسىز ياكى ۋاقىتقا قاراپمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بوۋاقنى ئىمىتىش مەيلى ئانىغا بولسۇن ياكى بوۋاققا بولسۇن، ئىنتايىن پايدىلىق. بىراق تۇغۇتلۇق ئاياللار دەسلىۋىتىدە كاللا ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلىگە دۇچار بولىدۇ: يەنى بوۋاقنى قورسىقى ئاچقاندا ئىمىتىش كىرەكمۇ ياكى ۋاقىت بويىچە ئىمىتىش كىرەكمۇ؟
ئېھتىياجغا قاراپ ئىمىتىش
    بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆزىدىن بىلەلەيمىزكى، ئېھتىياجغا قاراپ ئىمىتىش دىگەنلىك، بوۋاقنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ ئىمىتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ئانا ئادەتتە بوۋاقنىڭ قورسىقى ئاچقاندا ئاندىن ئۇنى ئىمىتىدىغان بولۇپ، بىراق يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاشقازىنى كىچىك بولغاچقا، بىر قېتىمدا كۆپ ئىمەلمەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا سۈتى سۈت پاراشوكىغا قارىغاندا تىز ھەزىم بولغاچقا، بوۋاقنىڭ قورسىقى ناھايىتى تىزلا ئېچىپ كىتىدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئەگەر ئېھتىياجغا قاراپ ئىمىتكەندە، ئانا قەدەمدە بىر بالا ئىمىتىمەن دەپ جاپادا قالىدۇ.
ۋاقىتقا قاراپ ئىمىتىش
    يەنى مۇقىم ۋاقىت بەلگىلەپ ئىمىتىشنى كۆرسىتىدۇ؛ مەسىلەن، ھەر 3-2سائەتتە بىر قېتىم تويغۇچە ئىمىتىۋىتىپ، ئارلىقتا بوۋاق يىغلاپ خاپا سالسىمۇ ئىمىتمەسلىك. بۇ خىل ئىمىتىش ئۇسۇلى قارىماققا باغرى تاشلىق قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما پۈتۈنلەي داۋلىسىزمۇ ئەمەس.
    كۆپ قىسىم ئانىلار، تۇغۇتتىن ئىلگىرى، پەقەت ئېھتىياجغا قاراپ ئىمىتىش ئۇسۇلى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىدۇ.
   تۇغۇتتىن كىيىن، ئانا بولغۇچىنىڭ بىر تەرەپتىن تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشتىكى ھەر تۈرلۈك بىئاراملىقلارغا بەرداشلىق بىرىشى لازىم بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بوۋىقىنى توختىماي ئىمىتىشى لازىم بولىدۇ. بەزى ئانىلارغا بىر كۈن 24 سائەتنىڭ ئىچىدە، يېرىم دىگۈدەك ۋاقىت بوۋاقنى ئىمىتىش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ؛ ئاساسى جەھەتتىن يېرىم سائەتتە بىر دىگۈدەك ئويغۇنۇپ بالا ئىمىتىشى لازىم بولىدۇ، ئەمما بوۋاق نەچچە ئىمىپلا ئۇخلاپ قالىدۇ؛ بۇنداق ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئانا بولغۇچى ھەقىقەتەن بەك جاپا تارتىپ كىتىدۇ.
    ئۇنداقتا بوۋاقنى زادى ئېھتىياجىغا قاراپ ئىمىتىش كىرەكمۇ ياكى ۋاقىتقا قاراپمۇ؟ بۇنى بوۋاقنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن بىكىتىشكە توغرا كىلىدۇ.
    يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ماغدۇر قۇۋۋىتى نىسبەتەن ئاز بولغانلىقتىن، ئۇلار ئانىسىنى ئەمگەن ۋاقىتتا ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بولسا، ئۇلار بەلكىم تويغۇچە ئىمەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا، ئانىلار بوۋاقنىڭ قولىقىنى ئۇۋلاپ ياكى تاپىنىنى يىنىك چىكىپ بەرسە بولىدۇ، ۋە ياكى يەنە بىر تەرەپتىكى ئەمچەكنى ئالماشتۇرۇپ ئىمىتىپ سىناپ باقسا بولىدۇ.
     يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق ئۈنۈملۈك ئىمىش ۋاقتى 15-10مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ؛ يەنى، بوۋاقلار ھەر قېتىم 10مىنۇتتىن ئارتۇق ئەمگەن ۋاقتىدا ئاندىن قورسىقى تويغۇدەك ئىمەلەيدۇ.
    بوۋاق ئادەتتە بىر قېتىم تويغۇدەك ئىمەلىسە، ئۇ بۇنىڭدا 3-2سائەت بەرداشلىق بىرەلەيدۇ؛ شۇڭا ۋاقىتقا قاراپ ئىمىتىش بالىنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادىتى (ئىنىقىنى ئېيتقاندا، تەرتىپلىك تاماق يىيىش ئادىتى) يىتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر يېرىم سائەتتە بىر بالا يىغلىغان ھامان ئىمىتىپ كۆندۈرسەك، بۇنىڭدا بوۋاق "ئۇششاق يىمەكلىك" خۇمارى بار ئادەمدەك ناچار ئادەت يىتىلدۈرۋىلىشى مۇمكىن.
    يىڭى تۇغقان ئانىلار، بوۋىقى يىغلىغان ھامان ئۇنى ئىمىتىدۇ؛ ئەملىيەتتە بوۋاقنىڭ يىغلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئۇ بەلكىم سىيگەن ياكى چوڭ تەرەت قىلغان بولۇشى، ۋە ياكى ئۇيقۇسى كىلىپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن؛ بوۋاقنىڭ زادى نىمە سەپتىن يىغلىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا بەلگىلىك تەجىربىگە ئىگە بولۇش كىرەك بولۇپ، ئانىلار ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۆزلىگىدىن ھۆكۈم قىلالايدىغان بولىدۇ.
    بوۋاقنى ئىمىتىشتە، مەيلى ئېھتىياجغا قاراپ بولسۇن ياكى ۋاقىتقا قاراپ بولسۇن، ھەر ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىلمى ئاساسى بار. ئېھتىياجغا قاراپ ئىمىتىشتە، بوۋاقنىڭ فىزىلوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق ئىھتىياجىنى تۇلۇق قانائەتلەندۈرگىلى بولىدۇ ھەمدە يېقىن بولغان ئانا-بالىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا پايدىلىق بولىدۇ؛ ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل بەك ئۇزۇن قوللىنىلغاندا، بوۋاقلاردا ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەيدىغان يامان ئادەت يىتىلدۈرۋىلىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ، ئانا ۋە بوۋاق ھەر ئىككەيلەن ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېھتىياجغا قاراپ ۋە ۋاقىتقا قاراپ ئىمىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ تەڭ قوللىنىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号