ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دورا-دەرمەك تۈرلىرى
قىچا تالقىنى(芥末)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قىچا تالقىنى ئادەتتە يىشىل قىچا تالقىنى ۋە سېرىق قىچا تالىقىنى دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ، قىچىنىڭ ئۇرۇغىنى سوقۇپ ئىزىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. قىچا تالقىنى تىلنى غىدىقلايدىغان ئاچچىق تەملىك بولۇپ، سۇ قوشۇپ نەمدەلسە، كۆزنى ئېچىشتۇرۇپ ياش ئاققۇزىدىغان پۇراق تارقىتىپ، تەم سەزگۈ ۋە پۇراق سەزگۈلىرىگە قارىتا غىدىقلاش تەسىرى كۆرسىتىدۇ.
   قىچا تالقىنى ئادەتتە چىلىغان كۆكتات تەييارلاش، خام گۆش تۇزلاش ياكى سالات تەييارلىغاندا تەم تەڭشىگۈچ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  芥末
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:  mustard
باشقىچە ئاتىلىشى: قىچا ئۇرۇغى تالقىنى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100گىرام قىچا تالقىنى تەركىبىدە، 476 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 23.6 گىرام ئاقسىل، 29.9 گىرام ياغ،35.3 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 7.2 گىرام يىمەكلىك تالا ماددىسى، 32 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 190 مىكروگىرام كاروتىن، 0.17 مىللىگىرام تىئامىن، 0.38 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 4.8 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 9.83 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 656 مىللىگىرام كالتسىي، 530 مىللىگىرام فوسفور، 7.8 مىللىگرام ناترىي، 321 مىللىگىرام ماگنىي، 17.2 مىللىگىرام تۆمۈر، 3.62 مىللىگىرام سىنىك، 69.01 مىكروگىرام سېلىن، 0.63 مىللىگرام مىس، 3.05 مىللىگىرام مانگان، 366 مىللىگىرام كالىي قاتارلىقلار بار.
دورىلىق قىممىتى
   قىچا تالقىنىنىڭ ئاچچىق تەمى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، شۆلگەي ۋە ئاشقازان سۇيۇقلىقىنى غىدىقلاپ ئاجرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغان بولۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. قىچا تالقىنى تەركىبىدىكى تىئوسىئانات تەركىبى قىسمىنىڭ چىشنى قۇرت يىيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بولۇپ، راك كىسەللىكى ۋە قان تۇمۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە زىققا كىسىلىنى داۋالاش قاتارلىقلاردا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە. بۇلاردىن باشقا، قىچا تالقىنىنىڭ يەنە قاندىكى ماي تەركىبى ئېشىپ كىتىش، يۇقىرى  قان بېسىمى، يۈرەك كىسەللىكى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە قاننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号