ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دورا-دەرمەك تۈرلىرى
تېتىتقۇ (味精)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خىل ناترىيلىق تۇزدۇر. تېتىتقۇنىڭ ئاساسلىق رولى يىمەكلىككە تەم كىرگۈزۈش بولۇپ، جۇڭگۇچە تائام تەييارلاشتا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ؛ بۇندىن باشقا تېتىتقۇنى شورپىغا تەم كىرگۈزۈش ۋە شەربەت قىيام تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 味精
چەتئەلچە ئاتىلىشى:  Monosodium glutamate
ئاساسلىق تەركىبى: ناترىي گىلۇتۇمات (谷氨酸钠)
ئاساسلىق رولى:  يىمەكلىككە تەم كىرگۈزۈش
 
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   ھەر 100 گىرام تېتىتقۇ تەركىبىدە 268 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 26.5 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.2 گىرام ياغ، 40.10 گىرام ئاقسىل، 0.08 مىللىگىرام تىئامىن ماددىسى، 0.3 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.7 مىللىگىرام ماگنىي، 100 مىللىگىرام كالتسىي، 1.2 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.31 مىللىگىرام سىنىك، 0.12 مىللىگىرام مىس، 0.67 مىللىگىرام مانگان، 4 مىللىگىرام كالىي، 4 مىللىگىرام فوسفور، 8.16 گىرام ناترىي، 0.98 مىكروگىرام سېلىن بار.
دورىلىق قىممىتى
    تېتىتقۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىۋاستە ئۇزۇقلۇق قىممىتى يوق؛ ئەمما ئۇ يىمەكلىككە تەم كىرگۈزۈپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش نىسپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
تېتىتقۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي گىلۇتۇمات بولۇپ، بۇنىڭ ئاستا خارەكتىرلىك جىگەر ياللۇغى، جىگەر ھۇشسىزلىنىش، نىرۋا ئاجىزلاش، تۇتقاقلىق كىسەل ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى كەمچىل بولۇش قاتارلىق كىسەللىكلەرگە قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە داۋالاش ئۈنۈمى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号