ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دورا-دەرمەك تۈرلىرى
قاقمۇچ (干辣椒)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
    قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇچ تۈرىدىكى يىمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى سۇ مىقدارى تۆۋەن، ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا بولۇشتۇر؛ ئەمما ئوراپ قاچىلىنىشى ھىم بولمىغان ياكى سۇ مىقدارى كۆپرەك بولغان قاقمۇچلاردا بەزىدە كۆكىرىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرلىدۇ. قاقمۇچ ئاساسلىقى تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچ قاتارىدا ئىشلىتىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 干辣椒
ئاساسلىق خام ئەشياسى: قىزىلمۇچ
چىرىشتىن ئالدىنى ئېلىش دورىسى ئىشلىتىش ئەھۋالى: چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى ئىشلىتىلمىگەن
ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى:  ۋىيتامىن C،  β- كاروتىن، فولىن كىسلاتاسى، كالىي، ماگنىي قاتارلىقلار
ئەكىس تەسىرى: ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر، ھۆتەل بار بولغانلار، كۆز ئاغرىقى بار بولغانلار ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
ئىستىمال ئۇسۇلى
    قاقمۇچنى ئاساسلىقى قورۇما قورىغان ۋاقىتلاردا، قورىمىغا ئاچچىق تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن، تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچ قاتارىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىستىمال قىممىتى
    ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛
    ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛
    يۈرەك فونكىسىيىسىنى ياخشىلايدۇ؛
    قاننىڭ شىكەر مىقدارىنى چۈشۈرىدۇ.
    مۇچنىڭ بەدەننى ئۇرۇقلىتىش رولى بار.
كىلىنكىلىق قوللىنىشى
    بەل پۇت ئاغرىقنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ؛
    ئادەتتىكى تاشقى كىسەل ياللۇغىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ؛
    توڭلاشتىن كىلىپ چىققان تەمرەتكە ۋە جاراھەتنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ؛
    سىرتقى زەخمىلەردىكى قان ئۇيۇپ قېلىش ۋە ئىششىقنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ؛

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号