ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دورا-دەرمەك تۈرلىرى
ئاچچىقسۇ(醋)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاچچىقسۇ ھەر قانداق قورۇما-تائاملار سېستىمىسىنىڭ ھەممىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ئەنئەنىۋى تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، 3000يىللىق تارىخقا ئىگە. ئاچچىقسۇ ئادەتتە ھەر تۈرلۈك قورۇما ۋە سۇغۇق سەيلەر ۋە شورپا قاتارلىق تائاملاردا تەم تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە ھارغىنلىقنى تۈگىتىش، زۇكامنى داۋالاش قاتارلىق دورىلىق ئۈنۈملىرىمۇ بار.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 
چەتئەلچە ئاتىلىشى:  vinegar
ئاساسلىق خام ماتىريالى: نومى گۈرۈچى، بوغداي، قوناق، كىپەك، گۈرۈچ، گاۋلىياڭ قاتارلىقلار
چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قېتىلغانمۇ:   ياق
ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى:   ئامىنو كىسلاتاسى، سۈت كىسلاتاسى، كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتا، كۆپ خىل مىنرالنى ئىلمىنىت قاتارلىقلار
ئاساسلىق ئىستىمال ئۈنۈمى:  تەم تەڭشەش، ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، قاننىڭ ماي تەركىبىنى چۈشۈرۈش، قان تۇمۇرلارنى يۇمشىتىش
ئەكىس تەسىرى:  ئاشقازان كىسىلى بارلار بىۋاستە ئىچىشكە بولمايدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى: تەسكەي، قۇرغاق،پاكىزە جايدا ساقلاش كىرەك.
تەبىئىتى: كىسلاتالىق
 
ئۇزۇقلۇق تەركىبى:
   ھەر 100گىرام ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ئىسسىقلىق 30Kcal، ئاقسىل 2.1گىرام، ياغ 0.3گىرام، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى 4.9گىرام، كالتسىي 17مىللىگىرام، تۆمۈر 6مىللىگىرام، فوسفور 96مىللىگىرام، كالىي 351مىللىگىرام، ناترىي 262.2مىللىگىرام، مىس 0.04مىللىگىرام، ماگنىي 13مىللىگىرام، سىنىك 1.25مىللىگىرام، سېلىن 2.43مىكروگىرام، ۋىيتامىن B1 0.03مىللىگىرام، ۋىيتامىن B2 0.05مىللىگىرام، ۋىيتامىن B2 0.02مىللىگىرام، ۋىيتامىن B12 0.01مىكروگىرام، پانتوتېنىك كىسلاتا 0.08مىللىگىرام، ئاتسىدۇم نىكوتىنىكوم 0.7مىللىگىرام، بىئوتىن 0.02مىكروگىرام، كاروتىن 0.01مىللىگىرام بولىدۇ.
ئاچچىقسۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى باشقىچە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى:
   1.  ماشىنىدا بېشى قېيىش كىسىلى بارلار، ئۇنچە چۈچۈمەل بولمىغان ئاچچىقسۇ سۇ تەڭشەلمىسىنى ئىچىۋەتسە، روھى كۆتۈرلۈپ، ماشىنىدا باش قېيىش ئالامەتلىرىنى يىنىكلىتىدۇ.
   2.  ئۇيقۇ قاچقان ۋاقىتلاردا، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇنى سوغۇق قايناققا قوشۇپ، تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كىيىن ئىچىۋەتسە، دەرھال ئۇيقۇسى كىلىدۇ؛ ئەگەرئوخشاش مىقداردىكى ھەسەل قوشىۋەتسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
   3.  ئەگەر بىرەسى ئايلىنىپ ھوشىدىن كەتسە، قولياغلىقنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ، ئۇنىڭدا ھوشىدىن كەتكەن ئادەمنىڭ بۇرنىنى يۆگىۋالساق، بىمارنى غىدىقلاپ ھوشىغا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
   4.  يىڭى سېتىۋالغان ساپال قاچ قۇچىلارنى %10لىك ئاچچىقسۇ سۈيىگە چىلاپ ئىككى ئۈچ سائەت قاينىتىپ بەرسەك، يىڭى ساپال قاچىلار تەركىبىدىكى مىكرو مىقىداردىكى ئاليومىن ماددىلىرىنى چىقىپ تاشلاپ، ئاليومىندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
   5.  قىسقۇچپاقا قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىشۇرۇشتىن ئاۋال، %1لىك ئاچچىقسۇ سۈيىگە بىر سائەت ئەتراپىدا چىلاپ قويساق، تۇزخۇمار تاياقچىسىمان باكتىرىيەلەر تەرپىدىن پەيدا بولىدىغان يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
   6.  ئاچچىقسۇدا پىشۇرۇلغان خاسىڭ ياكى سېرىق پۇرچاق، قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى، سېمىزلىك ۋە يۇقىرى قان بېسىم كىسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى بار بىمارلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يىمەكلىكى بولۇپ، قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش قاتارلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
   7.  ھاراقنى كۆپ ئىچىپ سېلىپ، مەست بولۇپ قالغىلىۋاتقانلار، %50ئاچچىقسۇدىن 200-100مىللىلىتىر ئەتراپىدا ئىچىپ بەرسە، ئىسپىرت تەسىرىنى ياندۇرۇپ، جىگەرنى ئاسرايدۇ.
   8.  مىھماندارچىلىقتا قورساق ۋە كۆرەكلىرىڭىز كۆپۈپ كەتكەندەك ھىس قىلسىڭىز، 50مىللىتىر ئاچچىقسۇغا سۇ قوشۇپ 100مىللىلىتىر قىلىپ ئىچىپ بەرسىڭىز، ئاشقازان كىسلاتاسى مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
   9.  تاماقتىن كىيىنكى قاچا-قۇچىلارنى %1لىك ئاچچىقسۇدا قاينىتىپ مىكروپسىزلاندۇرساق، باكتىرىيە خارەكتىرلىك جىگەر ياللۇغى، تولغاق قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号