ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دورا-دەرمەك تۈرلىرى
كۈنجۈت مېيى(香油)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
 
   كۈنجۈت مېيى—كۈنجۈتتىن چەككىلەپ ئېلىنغان ماي بولۇپ، ئالاھىدە خۇشپۇراق كىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئادەتتە خۇشپۇراقلىق ماي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۈنجۈت مېيى ئادەتتە ناھايىتى سۈزۈك، ئاپلىسىن سېرىقىدىن ئازراق قىزىلغا مايىل رەڭدە كىلىدىغان بولۇپ، ئىسسىق ۋە سۇغۇق سەي تەييارلاشتا ھەم شورپا قاينىتىشتا ئىشلىتىلىدىغان، تائامغا خۇشپۇراق كىرگۈزۈپ، يىڭى تەملىك قىلىدىغان تېتىتقۇ خۇرۇچلىرىنىڭ بىر خىلىدۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:   芝麻油(或香油)
باشقىچە ئاتىلىشى:    خۇشپۇراقلىق ماي
ئاساسلىق خام ئەشياسى:  كۈنجۈت
ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى:  ۋىيتامىن E، لىنون كىسلاتاسى، تۆمۈر، كالتسىي قاتالىقلار
ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان كىشلەر توپى: باكتىرىيەلىك تولغاق كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، جىددى خارەكتىرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغۇغا گىرىپتار بولغانلار، ئىچى سۈرۈپ قىلغانلار كۈنجۈت مېيىنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
دورىلىق قىممىتى:
    1. ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بورۇن، ئەتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن يېرىم قۇشۇق كۈنجۈت مېيى ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغى ۋە قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈنۈمى بار.
    2. چىش ئەتراپى ياللۇغى، ئېغىزى پۇراش، بادامسىمان بەز ياللۇغى، چىش مىلىكى قاناش قاتارلىق كىسەللىكلىرى بار كىشىلەر ھەر كۈنى يېرىم قۇشۇق كۈنجۈت مېيىنى ئېغىزىغا ئېلىپ تۇرۇپ بەرسە، كىسەللىك ئالامەتلىرىنى يىنىكلىتىشكە ئۈنۈمى بار.
    3. كۈنجۈت مېيىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
    4. ئەگەر جۇڭگۇ تىبابىتى دورىلىرىغا قوشۇپ ئىشلىتىلسە، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى ھەيدەش، قاننى سۇۋۇتۇپ ئاغرىقنى توختىتىش قاتارلىق روللىرى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号