ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » دورا-دەرمەك تۈرلىرى
گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى (嫩肉粉)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-06 كۆرۈلىشى : قېتىم

   گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى، بۇ بىر خىل ھايۋاناتلار تىپىدىكى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى يۇمشىتىپ سىيلىقلاشتۇرالايدىغان، بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇسكۇل تالالىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمايدىغان قوشۇمچە يېمەكلىك ماتېرىيالىدۇر. گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى ئاق رەڭلىك پاراشوك ھالىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كۇلى بىھىسىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان ئاقسىل ئىنىزىمىدۇر؛ شۇڭا گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى، ساپ تەبىئىي مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 嫩肉粉
   ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى: tenderizer
   ئاساسلىق تەركىبى: ئاقسىل ئىنىزىمى
   ئەكىس تەسىرى: كۆپ ئىستېمال قىلىۋالغاندا، نىترىتلاردىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇزۇقلۇق تەركىبى ۋە ئىشلىتىلىشى
   گۆش يۇمشىتىش پاراشوكىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى، كۇلى بىھىسىدىن چەككىلەپ ئېلىنغان ئاقسىل ئىنىزىمى بولۇپ، ئادەتتە گۆشنى يۇمشىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ. گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى، گۆش تەركىبىدىكى ئىلاستىكىلىق ئاقسىل ۋە كوللاگىنلىق ئاقسىللارنى ئىرىتىپ گۆشنى تېخىمۇ يۇمشاق ھەم تەملىك قىلىدۇ؛ بىرلا ۋاقىتتا، گۆش تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، گۆشنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
   1. گۆش يۇمشىتىش پاراشوكىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن سۇدا ئىرىتىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن گۆش سېلىنغان قاچىغا تۆكۈپ ئارىلاشتۇرساق بولىدۇ؛ ئەگەر سۇدا ئىرىتىۋالماي بىۋاستە گۆش ئۈستىگە تۆكسەك، تەكشى ئارىلاشماي قالىدۇ. گۆش يۇمشىتىش پاراشوكىنى ئىشلىتىش مىقدارى، گۆش ئېغىرلىقىنىڭ %1-%0.5 ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.
   2. گۆش يۇمشىتىش پاراشوكىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈم كۆرسىتىش تىمپىراتۇرىسى 65 سىلتسىيە گىرادوس بولۇپ، 80 سىلتسىيە گىرادوستىن ئېشىپ كەتسە ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدۇ.
   3. گۆش يۇمشىتىش پاراشوكىنى ئىشلەتكەندە، گۆش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ گۆشكە تەسىر يەتكۈزۈپ يۇمشىتىشىغا ئازراق ۋاقىت بىرىش كېرەك؛ ئارىلاشتۇرۇپ بولۇپلا گۆشنى قازانغا سالىمەن دېسەك، يۇمشىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشىش تەسكە توختايدۇ.
   4. گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا نىترىتلار بار بولۇپ، بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا نىترىتلاردىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号