ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك تائاملار » كاۋاپ شورپىلار
پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-07كۆرۈلىشى : قېتىم
   ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شورپىلارمۇ،  ئادەمگە بىر خىل يېقىشلىق بىلىنىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، بىز ئادەتتە كۆپ ئىستىمال قىلىپ كەلگەن گۆشنى قاينىتىپ تەييارلىغان شورپا ئەمەس، بەلكى كۆكتات شورپىسى؛ بۇ خىل شورپىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم ساغلام بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى دىئابىت كىسەللىكى بار دوستلارنىڭ ئىچىشىگە تولىمۇ ماس كىلىدۇ.
پالەك پىنتوزا شورپىسى
   پالەكنىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ بولۇپ، دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ياشانغانلار ۋە كىچىك بالىلار كۆپرەك ئسىتىمال قىلىپ بىرىشى كىرەك.
   كىتەرلىك ماتىريال: پالەك، پىنتوزا، غولپىياز مايسىسى، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. پالەكنى پاكىزە يۇيۇپ تەييارلايمىز؛
   2. بۆلەك قىلىپ توغرايمىز؛
   3. پالەكنى سۇدا بىر قاينىتىۋالىمىز؛
   4. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسىنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛
   5. قازانغا سۇ قۇيۇپ پىنتوزىنى سالىمىز؛
   6. سەككىز ئۈلۈش پىشقان ۋاقتىدا پالەكنى سالىمىز؛

   7. ئاخىرىدا تۇز ۋە توخۇ تەم جەۋھىرى سېلىپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号