ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

رەسىملىك سوغوق سەيلەر

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » رەسىملىك سوغوق سەيلەر » گوشسىز سوغوق سەيلەر
پالەكتە سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-06كۆرۈلىشى : قېتىم
پالەكتە سۇغۇق سەي تەييارلىساق تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ!
    يۇمران كەلگەن پالەك سۇغۇق سەي تەييارلاشقا ھەممىدىن بەك ماس كىلىدىغان بولۇپ، دۇفۇ قېقى(تاسما شەكىللىك) بىلەن ئارلاشتۇرۇپ تەييارلانسا، قاراشقىلا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال:
    پالەك 200گىرام، دۇفۇ قېقى( تاسما شەكىللىك) 100گىرام، كاۋاۋىچىن، كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچ
تېتىتقۇ خۇرۇچلىرى:
   يىمەكلىك مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
-Step 1-
   پالەكنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، تۈۋى قىسمىنى خىللاپ ئېلىۋىتىمىز.
-Step 2-

   بىر قازان سۇ قاينىتىپ، ئالدىن سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ قويغان دۇفۇ قېقىنى قازانغا سېلىپ بىر مىنۇت قاينىغاندىن كىيىن سۈزىۋىلىپ، قازانغا بىر قوشۇق ماي قوشۇپ، پالەكنى سېلىپ پالەك يۇمشىغاندىن كىيىن پالەكنىمۇ سۈزۈۋالىمىز.
-Step 3-
   پالەكنى تەخسىگە سېلىپ، كەينىدىن دۇفۇ قېقى، ئۇچلۇق قىزىلمۇچلارنى سالىمىز ھەمدە ئاخىرىدا ئىككى قوشۇق شېڭچوۋ جىياڭيۇسى قوشىمىز.
-Step 4-

   كاۋاۋىچىن مېيى تەييارلايمىز: مۇۋاپىق مىقداردىكى كاۋاۋىچىننى سېلىپ كاۋاۋىچىن ئېتىلغاندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.
-Step 5-

   ماينى پالەكنىڭ ئۈستىگە چېچىپ، تەكشى ئارلاشتۇرساق، بۈگۈنكى سۇغۇق سېيىمىز تەييار بولغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号