ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت »  سوغوق سەيلەر » گوشسىز سوغوق سەيلەر
بۇ كۆكتاتنى ھەپتىدە ئىككى قېتىم يىسىڭىز قورسىقىڭىز كىچىكلەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باھا يىتىپ كەلدى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە قوشۇلۇپ، يەنە بىر باش قېتىنچىلىقىمۇ بىللە كەلدى. قىش كۈنلىرى قېلىن كىيىملەرنى كىيىۋالغان بولغاچقا، شۇڭا ئازراق سېمىرىپ قالساقمۇ كۆپ بىلىنىپ كەتمەيتتى، لېكىن ئەتىيازدا ئۇنداق بولمايدۇ؛ بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلمىساق، سېمىرىپ قالساق يۇشۇرىمەن دەپمۇ يۇشۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ. لېكىن بەك ئەنسىرەپمۇ كەتمەڭ، تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان كۆكتات، بەدەندىكى مايلارنىڭ تەبىئى دۈشمىنى بولۇپ، ھەپتىدە ئىككى قېتىم يەپ بەرسىڭىز، سەمىرىمەن دەپمۇ سەمىرەلمەيسىز.
 
سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن بىنەپشە كاپوستا

   كىتەرلىك ماتېرىيال: بىنەپشە كاپوستا(紫甘蓝)، ئىنچىكە پىنتوزا، تۇز، ۋېيجىڭ، ئاق شېكەر، كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇ، سامساق، يۇمغاقسۈت، ئاق كۈنجۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىنەپشە كاپوستىنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
   ئۈستىگە تۇز سېپىپ، 15 مىنۇت قويۇپ تۇزلايمىز.
   پىنتوزىنى قايناقسۇغا چىلاپ پىشۇرىمىز.
   بىنەپشە كاپوستىدىن سىزىپ چىققان سۇنى تۆكۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۈستىگە پىنتوزىنى قوشىمىز.
   ۋىيجىڭ، ئاق شىكەر، كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇ، سامساق چانالمىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەڭشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، تەخسىگە ئۇسۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە ئازراق يۇمغاقسۈت چانالمىسى ۋە ئاق كۈنجۈت سېپىۋىتىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
دوستانە تەكلىپ
   1. 
بىنەپشە كاپوستىنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالغاندىن كېيىن تۇزلاش كېرەك، بۇنىڭدا كاپوستىنىڭ شەكلى مۇقىملىشىپ، تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا، كاپوستىنى ئىمكان بار قايناقسۇغا چىلىماسلىق لازىم، بولمىسا يۇمشاپ شەكلى كۈرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ، تەمىمۇ ياخشى بولمايدۇ.
   2. پىنتوزىنى چىلىغان ۋاقىتنى كونترول قىلىش كېرەك. چىلىغان ۋاقىت قىسقا بولۇپ قالسا خام قالىدۇ، ئەمما بەك ئۇزۇن چىلىۋەتسەك، بىر-بىرىگە چاپلىشىپ، كۆرۈمسىز چىقىپ قېلىش بىلەن بىرگە تەمىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.
   3. تەملەشتۈرۈشتىن ئاۋۋال، بىنەپشە كاپوستا بىلەن پىنتوزىنىڭ سۈيىنى پاكىزە تۆكۈۋىتىش كېرەك؛ بولمىسا تەملەشتۈرگەندىن كېيىنكى تەمى سۇس بولۇپ قالىدۇ.
   4. تەملەشتۈرىدىغان قىيامنى تەڭشىگەندە، خۇرۇچ ماتېرىياللىرىنى ئۆزىمىزنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن كونترول قىلساق بولىدۇ: چۈچۈمەل تەمنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئاچچىقسۇنى كۆپرەك قوشساق، ئاچچىق تەمنى ياخشى كۆرىدىغانلار مۇچنى كۆپرەك قوشساق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号