ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ھەرخىل قورىمىلار » بېلىق گۆشى قورىمىلار
بېلىق يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار تىز كىلىپ كۆرىۋىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، چانالغان مۇچ قوشۇپ پىشۇرۇلغان ئوتخور بېلىق تۇنۇشتۇرىمىز. بۇخىل تەييارلاش ئۇسۇلى ئۆزى ئاددى بولۇپلا قالماي، تەمى تەملىك كىلىدۇ ھەمدە ھەرخىل بېلىق تۈرلىرىنى پىشۇرۇشقا ماس كىلىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    ئوتخور بېلىق، زەنجىۋىل، سامساق، غولپىياز، قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
    تېتىتقۇ ھارىقى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، شىكەر
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    بېلىقنى تازىلاپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، چوڭراق ھەم تەكشى قىلىپ توغراپ قاچىغا سالىمىز.
   ئۈستىگە قەلەمچە ھالىتىدە توغرالغان زەنجىۋىل قوشىمىز ھەمدە  ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، يېرىم قوشۇق تۇز قۇيىمىز.
   قولىمىزدا مۇجۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، 15 مىنۇت قويۇپ قويىمىز.

Step 2
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، چانالغان سامساقنى سېلىپ تەمىنى چىقىرىمىز.
   ئۇششاق چانالغان كۆكمۇچ ۋە قىزىلمۇچنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   قازانغا ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق شىكەر قوشىمىز.
   بىر نەچچە مالتىلاپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەم كىرگۈزسەكلا بولىدۇ.

Step 3
   تۇزلاپ تەييار قىلغان بېلىقنى تەخسىگە چىرايلىق تىزغاندىن كىيىن، ئالدىدا قورۇپ تەييار قىلغان مۇچ قىيامىنى ئۈستىگە قۇيىمىز.
   تەخسىنى بىۋاستە دۈملەش قازىنىغا سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ چوڭ ئوتتا 15 مىنۇت دۈملەيمىز.
   ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، بۈگۈنكى چانالغان مۇچ قوشۇپ دۈملەنگەن بېلىق تائامى تەييار بولغان بولىدۇ.

Step 4
   بېلىقنى تەخسىگە تىزغان ۋاقىتتا، ئازراق غولپىياز مايسىسى قوشۇپ قويساقمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا رەڭگى تېخىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ. بۇ تاماقنى يىڭى ئۈگەنچىلەرمۇ قىلالايدىغان بولۇپ، ۋاقتىڭىز چىقسا تەييارلاپ سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ، تەمىنى چوقۇم ئۇنتىيالمايسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号