ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئاشپەزلىك تېخنىكىسى » ئاشپەزلىك تېخنىكىسى
جۇڭگۇ تائام قورۇما مەزھەپلىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
    دۆلىتىمىز تاماق پىشۇرۇش تېخنىكىسى، يەن خۇاڭ دەۋرى ۋە شىيا سۇلالىسى ۋاقتىدىن باشلىنىپ، چۈنچىيۇ دەۋرىدە تەرەققىي تاپقان، تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىرى دەۋرىدە شەكىللەنگەن. دۆلىتىمىز تائام قورۇما مەزھەپلىرىنىڭ شەكىللىنىشى، شىمالى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىخلىنىپ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا، جەنۇپ تائاملىرى ۋە شىمال تائاملىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تەم ئايرىمىسى بار ئىدى. يۈەن، مىڭ سۇلالىرى مەزگىللىرىدىكى يېغىلىپ توپلىنىش باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، دۆلىتىمىز تائام قورۇما مەدىنىيىتىدىكى تۆت چوڭ مەھزەپ تولۇپ شەكىللەنگەن: شىمالى قىسىم شىمال مەزھىپى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمىدىكى جايلار ۋە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالى قىسىمىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى ۋە خېنەن، شەندۇڭ، لىياۋنىڭ قاتارلىق جايلارنىڭ تاماق قورۇما ئۇسلۇبى شىمال مەزھىپىگە ۋەكىللىك قىلاتتى، تەم جەھەتتە سۇس ھەم ئازراق تۇزلۇق بولۇشنى ئاساس قىلاتتى؛ شەرقى جەنۇب قىسىم يەنە شەرقى جەنۇپ مەزھىپى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، چاڭجىياڭ دەرياسى ۋە خۇەيخې دەرياسى ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى ۋە جىياڭسۇ، جېجىياڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قورۇما ئۇسلۇبى شەرقى جەنۇپ مەزھىپىگە ۋەكىللىك قىلاتتى، تەم جەھەتتە سۇس ھەم ئازراق تاتلىق بولۇشنى ئاساس قىلاتتى؛ غەربى جەنۇپ قىسىمى بولسا غەربى جەنۇپ مەزھىپى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، سىچۈەن، گۈيجۇ قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى ۋە سىچۈەننىڭ تاماق قورۇما ئۇسلۇبى غەربى جەنۇپ مەزھىپىگە ۋەكىللىك قىلاتتى، ئاچچىق تەمنى بەكرەك ياخشى كۆرەتتى؛ جەنۇب مەزھىپى بولسا، گۇاڭدۇڭ ۋە گۇاڭشى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى ۋە گۇاڭدۇڭنىڭ تاماق قورۇما ئۇسلۇبى جەنۇپ مەزھىپىگە ۋەكىللىك قىلاتتى، تەم جەھەتتە سۇس ھەم مايسىز بولۇشنى ئاساس قىلاتتى.
    ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ شەكىللىنىشى، دۆلىتىمىزنىڭ تاماق پىشۇرۇش مەدەنىيىتىنى موللاشتۇرۇپ، جۇڭگۇ تاماق پىشۇرۇش مەدىنىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ئۇ يەنە جۇڭگۇ تائام مەدەنىيىتىنىڭ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرىدا ھەر ئېقىملار بەس-بەستە سايراشتەك شانلىق ھالەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، شەندۇڭچە قورۇما، جىياڭسۇچە قورۇما، سىچۈەنچە قورۇما، گۇاڭدۇڭچە قورۇما، خۇنەنچە قورۇما، فۇجىيەنچە قورۇما، ئەنخۇيچە قورۇما ۋە جېجىياڭچە قورۇما قاتارلىقلار، دۆلىتىمىزدىكى تەسىرى كۈچى ئەڭ زور بولغان يەرلىك قورۇمىلارغا ئايلىنىپ، جۇڭگۇ تائام مەدەنىيىتىدىكى "سەككىز چوڭ قورۇما سىستېمىسى" دەپ ئاتالدى.
 
     我国烹饪技艺始于炎黄夏朝,发展于春秋,形成于唐宋。我国菜肴的流派组成,北宋时已初见端倪,那时便有南食、北食两大风味。经过元、明时期的沉淀积累,至清初,我国烹饪的四大流派便完全形成。北部也称北派,包括黄河中下游以及黄河以北地区,以河南、山东、辽宁为代表,口味淡而偏咸;东南部也称东南派,包括江淮一带地区,以江苏、浙江为代表,口味淡而偏甜;西南部也成为西南派,包括川、签一带,以四川为代表,口味喜辛;南部也称南派,包括两广一带,以广东为代表,选料广泛、口味清淡。
    各流派的形成既丰富了中国烹饪的内容,促进了中国烹饪的全面发展,也构成了中国烹饪的千变万化,呈现出百花争鸣的盛况。到清朝末,鲁菜、苏菜、川菜、粤菜、湘菜、闽菜、徽菜、浙菜已成为我国最有影响的地方菜,之后被称为中国烹饪流派的“八大菜系”。

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号