ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئاشپەزلىك تېخنىكىسى » ئاشپەزلىك تېخنىكىسى
تائام پىشۇرۇشنىڭ كىلىپ چىقىشى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھازىردىن كۆپ يىراق بولغان ئەڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرى ئولتۇراقلاشقان ماكان—ئورمانلىققا، ھەمىشە چاقماق چېقىش سەۋەبلىك ئوت كىتەتتى. ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىپتىدائىي ئادەملەر ناھايىتى ئاسانلا قېچىشقا ئۈلگۈرمەي كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ھايۋاناتلارنىڭ گۆشىگە ئىرىشىپ قورسىقىنى تويغۇزغان ھەمدە خام يىگەنگە قارىغاندا كۆپ تەملىك بولىدىغانلىقىنى ۋە ئاسانلا چايناپ ئەزگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل ئەھۋال ئۆزلۈكسىز تۈردە تەكرارلىنىش جەريانىدا، ئىنسانلار تەدرىجىي ھالدا يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشنى ئۆگەنگەن ھەمدە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، ئۇلاردا پىششىق يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش ئىستىكى تۇغۇلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئامال قىلىپ چوغ ساقلاشقا باشلىغان.
   لېكىن، ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپ پىششىق يېمەكلىك يىيىشنى باشلىغان ۋاقىتتا، تېخى تەم تەڭشەشنى بىلمەيتتى. دېڭىز بويى رايونلىرىدا ياشايدىغان بەزى ئىپتىدائىي ئادەملەر تاساددىپىي پۇرسەتتە، ئوۋلاپ كەلگەن يېمەكلىكىنى دېڭىز ساھىلىغا قويۇپ قويغان؛ بۇ جەرياندا يېمەكلىك يۈزىگە بەزىبىر تۇز زەررىچىلىرى چاپلىشىپ قالغان سەۋەبلىك، بۇ يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ يېگەن ۋاقىتتا تېخىمۇ تەملىك ھېس قىلغان. ساناقسىز قېتىملىغان تەكرارلىنىشتىن كېيىن، ئىپتىدائىي ئادەملەر بۇ خىل زەررىچىلەرنىڭ يېمەكلىككە تەم كىرگۈزۈش رولى بارلىقىنى بايقاپ، تۇز زەررىچىلىرىنى يېغىپ ساقلاشقا باشلىغان ھەمدە يەنە بىر قەدەم ئىچكىرلەپ، دېڭىز سۈيىنى قاينىتىپ تۇز ئېلىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان.
   مانا بۇ، تاماق پىشۇرۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كىلىپ چىقىش مەنبەسىدۇر.
 
在遥远的太古时代,原始人的住所——森林,常因雷电而引起火灾,当火熄灭之后,原始人轻松获得了一些没来得及逃脱而被烧死的野兽尸体来充饥,感觉比生食鲜美,也容易咀嚼。这种现象不断重复,人类逐渐懂得了食物可以用火烧熟而食,并且好吃,进而产生了吃熟食的愿望,于是便开始设法保留火种。
但是,人类开始吃熟食时,还不知道调味。有些生活在海边的原始人,偶然把猎来的食物放在海滩上,由于表面沾上了一些盐的晶粒,烧熟食时感觉滋味特别鲜美。经过无数次反复,原始人逐渐懂得了这些晶粒能起到增强食物美味的作用,于是开始收集盐粒,进而发明了烧煮海水来提取食盐的方法。这样,最简单的调味品就形成了。
这就是“烹调”的起源。

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号