ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ياشانغانلار ساقلىقى
ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-12-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
 
  ئىشتىھاغا ئاساسەن كېسەللىككە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ
20161122225932808.jpg
  ئۇشتۇمتۇت ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماق يېگۈسى كەلمەي پۈتۈن بەدەندە ھارغىنلىق ئالامىتى كۆرۈلس، پاچاق گۆشى سەۋەبسىز ئاغرىپ ماغدۇرسىزلانسا، سۈيدۈكنىڭ رەڭگى ئادەتتە قېنىق دەملەنگە چاينىڭ رەڭگىدەك بولسا، كۆزنىڭ ئېقى سارغىيۋېلىشتەك ئالامەت كۆرۈلسە، بۇ ئېھتىمال سېرىق چۈشۈش خاراكتېرلىك جىگەر يەللىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. 
  ئىشتىھا ياخشى بولۇپ، قورساق ئوڭايلا ئاچىدىغان بولۇپ قالسا، ئېغىز قۇرۇپ، سۇنى كۆپ ئىچسە، كىچىك تەرەپ كۆپرەك كەلسە، ئورۇقلاپ كەتسە، بۇ دىيابېت كېسەللىكىنىڭ بېشارىتىدۇر.
ئىشتىھا ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى تاساددىپىي تۆۋەنلەپ كەتسە، ماغدۇرسىزلانسا، كۆپ تەرلىسە مىجەزى چۇسلىشىپ، ئاسان ئاچلىقلىنىدىغان بولۇپ قالسا، يۈزى قىزىرىپ، كۆز قارىچۇقى كۆپكەندەك ھېس قىلسا، بۇ قالقانسىمان بەزنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىن كېيىن باشقا كېسەللىك ئالامىتى بولمىسىمۇ، سەۋەبسىز ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قالسا، تاماقتىن كېيىن قورساق كۆپسە، ئورۇقلاپ كەتسە، بۇ ئېھتىمال ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى بېشارىتى بولىشى مۇمكىن.
 
  ياشانغانلاردىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار دىققىتىگە
  ھەر كۈنى كەچتە 10 تال چىلان، بەش تال زەنجىۋىلنى قاينىتىپ، سۈيىنى، ئىچىپ بەرسە، بەدەننىڭ سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، زۇكام بولۇش ۋە باشقا كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
  ھەر كۈنى كەچ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاپلېسىن يەپ بەرسە، بەلگەمنى تۈگىتىپ، يۆتەلنى توختاتقىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئاپلېسىننىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بىر خىل كۈچلۈك پۇراق تارقاتقانلىقتىن، كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنى يوقىتىپ، بۇرۇن يەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
  سوقۇلغان ئۈجمە يوپۇرمىقى، جۇخار گۈلىدىن ياستۇق ئېتىپ ياتسا، مېڭىنى سەگىتىپ، شېرىن ئۇخلىغىلى شۇنداقلا سوغۇق شامالنى ھەيدەپ، زۇكامدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. زۇكام بولۇپ قالغانلار بۇ خىل ياستۇقتا ئۇخلىسا كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号