ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ياشانغانلار ساقلىقى
ياشانغانلار جىم ئارام ئالغان ياخشىمۇ ياكى چېنىقىپ بەرسە ياخشىمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھاياتلىق ھەرىكەتتە، شۇڭا ئىزچىل تۈردە كۆپچىلىككە كۆپرەك ھەرىكەت قېلىپ چېنىقىش تەكلىپى بىرىمىز. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر چېنىقىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى ھېس قىلىپ يىتىپ، نۇرغۇن كىشىلەر كۈندە سىرتلارغا چىقىپ چېنىقىدۇ. بولۇپمۇ ياشقا چوڭۇپ قالغان كىشىلەر، ئۇلار دەم ئېلىشقا چىقىپ بولغان بولغاچقا، ئادەتتە سالامەتلىكىنى ئاسراشقا تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بىرىدۇ. لېكىن، يەنە بەزى ئاز بولمىغان كىشىلەر، ياشانغانلار ئۆيدە جىم ئولتۇرۇپ كۈتۈنگەن ياخشى دەپ قارايدۇ، بۇنداق دىيىش توغرىمۇ؟
   ئادەم ياشقا چوڭايغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چىكىنىدۇ؛ بولۇپمۇ سۆڭەك ۋە قان تومۇرلاردا قېرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك چېنىقىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى، ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش ئارقىلق، بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   لېكىن، ئوخشاشلا ياشقا چوڭايغان سەۋەبلىك، بەدەن ساپاسى ياشلارنىڭكىگە يەتمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا چېنىققان ۋاقىتتا، چېنىقىش قاتتىقلىق دەرىجىسىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك. بەزى كىشىلەرنىڭ ياشقا چوڭايغاندىن كېيىن چېنىقماسلىقنى تەۋسىيە قىلىشى، چېنىقىش جەريانىدا تاساددىپىي ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، ھەرىكەتلىنىش جەريانىدا قان ئايلىنىش تىزلىشىدىغان بولغاچقا، بەدەن بۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلمەي، ئاسانلا مېڭىگە قان چۈشىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
   ئەگەر ھەرىكەت قىلماي كۈتۈنۈش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بىخەتەرلىك جەھەتتە بەلگىلىك كاپالەتكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ؛ بولۇپمۇ بەزىبىر بەدەن ساپاسى نىسبەتەن ياخشى بولمىغان ياشانغانلار، ھەرىكەت قىلماي كۈتۈنۈشكە ماس كېلىدۇ، قاتتىق ھەرىكەت قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، ئەگەر مەجبۇرى ھالدا ھەرىكەتلىنىپ چېنىقسا، ئەكسىچە جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن، ئىزچىل تۈردە ھەرىكەت قىلماي جىم ئولتۇرىۋىلىشمۇ ياخشى ئەمەس؛ بۇنىڭدا بەدەننىڭ ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەدەننىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋىتىدۇ.
   شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى ھەرىكەت قىلماي كۈتۈنۈش بىلەن ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشنى مۇۋاپىق تۈردە بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، ئاستا مېڭىپ سەيلى قىلىش قاتارلىق ئاددى ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بەرسەك، بەدەننىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋەتمەيلا قالماي، يەنە بەدەننى چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، 65ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار، بەدىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشى، خالىغانچە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىمەن دېمەسلىكى كېرەك؛ چوڭراق كېسەل بار كىشىلەر، ھەرىكەتلەنمەي كۈتۈشنى ئاساس قىلىشى لازىم. ئەگەر تەن سالامەتلىك ئەھۋالى ئىزچىل تۈردە تۇراقلىق بولسا، ئۇنداقتا مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىپ بىرىش كېرەك، بىراق بەدەننىڭ بەرداشلىق بىرىش دائىرىسى ئىچىدە ھەرىكەتلىنىپ، قاتتىق ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号