ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ياشانغانلار ساقلىقى
ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندىكى بۇ ئەھۋاللار قېرىغانلىقنىڭ ئالامىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-01-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قېرىش، ئادەمدىكى نورمال بىر فىزىلوگىيەلىك جەريان بولۇپ، ئۇ يەنە ھەممە ئادەم ئەڭ ئۈمىد قىلمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى؛ ئۇنداقتا، ئۆزىمىزنىڭ قېرىشقا باشلىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىشىمىز كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ بەدىنىمىز بىزنىڭ قېرىشقا باشلىغانلىقىمىزدىن سىگنال بىرىدۇ؛ تۆۋەندە بىز، بەدەننىڭ قانداق سىگنال تارقىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
ئەتىگىنى باش قېيىش
   نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، كاللىمىز سەگەك بولۇشى ۋە ئۆزىمىزنى روھلۇق ھېس قىلىشىمىز لازىم. بىراق، ئەگەر ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، باش قېيىش ياكى كاللىسى گاراڭ بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بەلكىم بويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ئۆسۈپ قېلىپ، بويۇن ئارتىرىيە قان تومۇرلىرىنى بېسىۋالغانلىقتىن، مېڭىگە قان يىتەشمىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.
ئەتىگەن سەھەردە ئۇخلىيالماسلىق
   بەزى ياشانغان كىشىلەر، سەھەر سائەت 5-4ئەتراپىدا ئويغىنىپ كېتىدۇ ھەمدە ئويغانغاندىن كېيىن قايتا ئۇخلىيالماي، بىر خىل چۈشكۈن بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال، كىلىنكىدا بالدۇر ئويغىنىپ ئۇيقۇسى قېچىش دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ھەر خىل تۈردىكى خامۇشلۇق كېسىلى ۋە پىسخىكىسىدا توسالغۇ بار كىشىلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ.
ئەتىگەندە ئىششىپ قېلىش
   ئادەتتە، ساغلام كىشىلەرمۇ ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، بەزىلەردە يېنىك دەرىجىدە ئىششىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىنكى 20مىنۇت ئىچىدە ئۈزۈل-كېسىل يوقاپ كېتىدۇ. ئەگەر ئويغىنىپ خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنمۇ باش قىسىمدا، بولۇپمۇ كۆز چاناق قىسىمدا ئىششىق كۆرۈلسە، دوختۇرخانىغا بېرىپ بۆرەك ۋە يۈرەك ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كىرەك.
سەھەردە يۈرەك ئېغىش كۆرۈلۈش، قورساق ئېچىش
   بەزى كىشىلەر سەھەر سائەت 5-4ئەتراپىدا ئويغىنىپ قورسىقى ئېچىپ كېتىدۇ ھەمدە يۈرىكى ئېغىپ ماغدۇرسىزلىق كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋاللار ئەتىگىنى ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ياخشىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال، سىزدە دىئابىت كېسەللىكى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号