ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چىڭ لۇڭنىڭ قىزى "قىز دوستى" بىلەن توي قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   26-نويابىر كۈنى، چىڭ لۇڭنىڭ ۋۇ چىلى بىلەن بولغان قىزى ۋۇ جولىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ توي ئۇچۇرىنى رەسمى ئاشكارىلىدى. سۈرەتتە ئاشكارىلىنىشىچە، ۋۇ جولىن ۋە ئۇنىڭ ئوخشاش جىنىسلىق قىز دوستى ئەندى، 11-ئاينىڭ 8-كۈنى كانادانىڭ دورىندو شەھرىدە توي قىلىش گۇاھنامىسى بىجىرگەن.
    ۋۇجولىن، چىڭ لۇڭ بىلەن ۋۇ چىلىنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان قىزى بولۇپ، بۇيىل 19 ياشقا كىرگەن. ئۆتكەن يىلى ئاشىق-مەشۇقلار مەزگىلىدە، ئۇ 31 ياشلىق چەتئەللىك تور چولپىنى ئەندى بىلەن رەسمى مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانىسى ۋۇچىلى بىلەن خوشلىشىپمۇ قويماي، ئۆزىدىن 21 ياش چوڭ قىز دوستىنى ئېلىپ كاناداغا بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، بۇ سەۋەپلىك ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت چوڭىيپ كىتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇلارنىڭ كانادادىكى تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالغان بولۇپ، ئارلىقتا ھەتتا ئۇلارنىڭ كوچىلاردا سەرگەردان بولغانلىق خەۋرى تارقالغان.
    كىيىنچە ئىككەيلەن بىرلىشىپ، كانادادا كىچىك سۈرەتلىك فىلىم ئىشلەش شىركىتى قۇرۇپ، تور بىكىتى ئىشلەپ تۈر قوبۇل قىلىشقا تەييارلانغان. بۇ يىل 4-ئايدا، ۋۇ جولىن بىلەن ئەندى ئىككىسى توي قىلىشقا كىلىشكەن ھەمدە كەينىدىنلا ئىككىسىنىڭ رەسمى توي قىلغانلىق خەۋرى تارقالغان.
    بىر مەزگىل ئىلگىرى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋۇجولىننىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئانىسى ۋۇچىلىدىن قىزىنىڭ توي خەۋرى ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم سۇئال سورىغاندا، ۋۇ چىلى ئۇچۇق جاۋاپ بىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ۋۇچىلىنىڭ دىيىشىچە، يېقىندا ۋۇ جولىن قىز دوستىنى باشلاپ شياڭگاڭغا قايتىپ كەلگەندە، ئۆيگە كىلىپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ھەمدە ئانىسى بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشقان. بىراق ۋۇچىلىنىڭ يەنە بىرلا ۋاقىتتا بىلدۈرۈشىچە، ۋۇ جولىننىڭ ۋاقتىنچە ئۆيىگە قايتىپ ئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇش نىيىتى يوق ئىكەن.
    ۋۇ جولىن "ئاسىيلىق قىلىپ قارشىلىشىش پىسخىكىسى"نىڭ تەسىرىدە ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، ئىزچىل تۈردە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. ئىلگىرى تېخى كەمبەغەللىكتىن توردا نەخ مەيدان سۈرەتلىك فىلىم تارقىتىپ دادىسىنى ئىزدىگەنلىك سەۋەبىدىن، تاماشا سەھنىسىدە كىچىك بولمىغان غۇلغۇلا قوزغىغان. بىراق قىزىغا سېلىشتۇرغاندا، ۋۇ چىلىنىڭ كۈنى تېخىمۇ تەس ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، ۋۇچىلى ئەينى يىللىرى ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقىتتا، قىزىنى تۇغۇش ئۈچۈن كىنو-فىلىم ساھەسىدىن چىكىنىپ چىققان؛ ئەمما نەتىجىدە، قىزى ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، ئانىسىنى ئۆزى يالغۇز ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ساراڭلەرچە بەس-مۇنازىرە ھۇجۇمىغا ئۇچراشقا تاشلاپ قويغان.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号