ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئانىسىنى قۇتقۇزغان قەھرىمان ئوغۇل دۇنيا بىلەن خوشلاشتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-07 كۆرۈلىشى : قېتىم

    "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ 6- دىكابىر خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئانىسىنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا باش سۆڭىكى جىنايەتچى ئۇنسۇر تەرپىدىن ئېغىر زەخمىلەندۈرۈلگەن قەھرىمان ئوغۇل، بۇ ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى بەخىتكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن.
   ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، روسىيىلىك 15ياشلىق ئوغۇل بالا ۋانيا مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيىگە كەلگەن ۋاقىتتا، ئىنتايىن بىر قورقۇنچلۇق مەنزىرىنى كۆرگەن: قوشنىسى رومان.پرونىن، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى قانغا بويىلىپ كەتكەن ئانىسىغا باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىدى.
    ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ۋانيا قولىغا 3 كىلوگىرام ئېغىرلىقىدىكى يالىڭ(哑铃)نى ئېلىپ، جىنايەتچى ئۇنسۇر بىلەن ئېلىشقان. بىراق جىنايەتچى ئۇنسۇر، ۋانيانىڭ قولىدىكى يالىڭنى تارتىۋىلىپ، يالىڭ بىلەن ۋانيانىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇرۋەتكەن.
    قالايمىقانچىلىقنى ئاڭلىغان قوشنىلىرى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان؛ جىنايەتچى ئۇنسۇرمۇ ئانا-بالا ئىككەيلەننى ئۆلۈپ قالدى دەپ ئويلاپ، قېچىپ كەتكەن؛ 15ياشلىق ۋانيا بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان ۋاقىتتا، ھەر ئىككىلىسى پولدا ھوشىدىن كەتكەن ھالەتتە ياتقان بولۇپ، پۈتۈن بەدەنلىرى قانغا بويىلىپ كەتكەن ئىدى.
     شۇندىن كىيىن، 15ياشلىق ۋانيا 9ئاي ھۇشسىز ياتقان، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ بەدىنىنىڭ 27 يىرىگە پىچاق سانجىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئانىنىڭ ھاياتى ئوغلى تەرپىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنغان.
    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆزىنىڭ كەچمىشى ۋە ئوغلىنىڭ باش قىسمىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىشى سەۋەپلىك، ۋانيانىڭ ئانىسىنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇ بىر نەچچە ئايدىن كىيىن سەللىمازا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئارلىقتا ئوغلىنى يوقلاپ كىلىشكە ئاران ئىككى قېتىم بارغان.
    ۋانيانىڭ باش قىسمى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، دوختۇرلار ئامالسىز ئۇنىڭ ئالدىنقى قىسىم باش سۆڭىكى ۋە قىسمەن مىڭىسىنى كىسىپ ئېلىۋەتكەن. ئاتاقلىق تىلىۋىزىيە پروگىرامما رىياسەتچىسى ئاندىرى.ماراخوف ۋانيا ئۈچۈن بىرمەيدان زور كۆلەملىك ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
     ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، روسىيىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تاشقى كىسەللەر دوختۇرى روسالنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى ئاستىدا، ئىزچىل تۈردە ھۇشسىز ياتقان ۋانيادا بىلىنەر-بىلىنمەس ئويغىنىش ئىزنالىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
    بۇ يىل 6-ئايدا، ۋانيا ئۆزىگە مەسئۇل سېستىرانى تۇنۇشقا باشلىغان ھەمدە شورۋىگۈرۈچ ۋە باشقا ئىزىلگەن يىمەكلىكلەرنى يىيەلەيدىغان بولغان. بۇ يىل 7-ئايدا، ۋانيا موسكۇۋادىكى بىر ئەسلىگە كىلىش ئورنىغا يۆتكەپ ئەكىلىنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ساقىيىپ كىتىشىدە قايتىدىن ئۈمىد كۆرۈلگەن.
    بىراق، 10-ئايغا كەلگەندە، ۋانيا يۇقۇملۇق زۇكام بولۇپ قېلىپ، دۇختۇرلار گەرچە ئۇنى ئېغىر كىسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە ياتقۇزۇپ داۋالاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى يەنىلا ئېغىرلاپ كەتكەن ھەمدە 4-دىكابىر كۈنى، دۇنيادىن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمغان.
     ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ۋانيانىڭ ئانىسى ئىلگىرى ھۆكۈمەت تەرەپكە ئىلتىماس سۇنۇپ، كېپىللىككە قويۇپ بىرىلگەن قاتىل جىنايەتچىنى(ۋانيانىڭ ئانىسىنى ۋە ۋانيانى زەخمىلەندۈرگەن ئۇنسۇر بۇ قېتىملىق جىنايەتنى سادىر قىلىشتىن ئىلگىرى، قاتىللىق دىلوسى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ۋاقتىنچە كېپىللىككە قويۇپ بىرىلگەن) بۇ ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرغۇزماسلىقنى، ئۇنى بالىلاردىن يېراق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ۋانيا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئانىسى ھازىرغىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ باقمىغان.
    بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، ۋانيانى ۋە ئانىسىنى زەخمىلەندۈرگەن ئۇنسۇر، "قاتىللىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان" دىگەن جىنايەت بىلەن  تۈرمىگە سولانغان بولۇپ، ۋانيا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇ قايتىدىن "قاتىللىق جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇندىن باشقا يەنە بىر جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئالاقىدا ئورۇنلار"نىمە ئۈچۈن قاتىللىق جىنايىتى بىكىتىلىپ ۋاقتىنچە كېپىللىككە قويۇپ بىرىلگەن ئۇنسۇر، بالىلار بار ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقى" ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号