بىرىنى قۇتقۇزسا يەنە بىرى... | قوشكىزەكنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
بىرىنچى دىكابىر كۈنى، "ھەر ئىككىسىنى قۇتقۇزۇش كىرەك! قولنىڭ ئالقىنى گۆش، دۈمبىسىمۇ گۆش تۇرسا!" تېمىلىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. ئەمەلىي ۋەقەلىك ئارقا كۈرنۈش قىلىنغان، "تاڭشەندىكى چوڭ يەر تەۋرەش" فىلىمىدە، ئوغۇل قىز بىر جۈپ قوشكىزەك بىرلا ۋاقىتتا بىر تاش تاختىنىڭ ئاستىغا بېسىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنى قۇتقۇزسا، يەنە بىرسى نەخ مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلاتتى؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئانىسى يۈەن نىنىڭ يۈرەك باغرى پارە-پارە بولۇپ، ئۇزۇنغىچە قارار چىقىرالماي قالىدۇ. ھازىر رىئال تۇرمۇشىمىزدا، دالىيەن شەھرىدىن بولغان ئانا سۇڭ لىخۇا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رەھىمسىزلىككە تولغان تاللاشقا دۇچ كەلدى—ئۇنىڭ ئەمدىلا بىر ياشقا تولغان قوشكىزەك قىزلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئۆينى سېتىپ پۇل غەملىگەندىن كىيىنمۇ پەقەت بىر بالىسىنىلا قۇتقۇزالايتتى، ئۇنداقتا زادى قايسىسىنى قۇتقۇزۇش كىرەك؟ قايسىسىدىن ۋاز كىچىش كىرەك؟ سۇڭ لىخۇا قەلبىدە يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن فىلىم ئىچىدىكى ئانا يۈەن نىغا ئوخشاش ئېچىنىشلىق نىدا قىلىۋاتاتتى.

دالىيەن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ 11 قەۋەت قان كىسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ بالنىست ئۆيىدە، ھەربىر بىمار بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ چىرايى تەشۋىشلىنىش ئىپادىلىرىگە تولغان بولۇپ، سۇڭ لىخۇانىڭ تېخىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى. ئۇنىڭ ئەمدىلا بىر ياشقا توشقان قوشكىزەك قىزلىرى 7ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، بىرلا ۋاقىتتا جىددى خارەكتىرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى.

سۇڭ لىخۇا دالىيەن جۇاڭخې شەھىرى داجېن بازىرى شىنشىڭ كەنتىدىن بولۇپ، ئۇ ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا 39 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى؛ ئۇ نىسبەتەن يۇقىرى ياش مەزگىلىدە ھامىلدار بولغانلىقى ھەمدە قورسىقىدىكى ھامىيلە قوشكىزەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇ قەۋەت ئىھتىيات قىلدى. بالىلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بىرسى 5.4 جىڭ، يەنە بىر 4.2 جىڭ ئېغىرلىقتا سالامەت تۇغۇلغان بولۇپ، ئىرى ما چىياڭلې خۇشاللىقىدىن نەچچە كىچە ئۇخلىيالمىغانىدى. ئەمما بەخىتلىك كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قوشكىزەك ئىچىدىكى كىچىكى قاتتىق قىزىپ كىتىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەندە، جىددى خارەكتىرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى ئاق قان كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى بايقالدى؛ ئۇ قوشكىزەك بولغانلىقى ئۈچۈن، دوختۇر ئۇلارغا يەنە بىر بالىنىمۇ تەكشۈرتۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى، نەتىجىدە قوشكىزەك ئىچىدىكى يەنە بىرسىمۇ ئوخشاش كىسەلگە گىرىپتار بولغان ئىدى.

دوختۇرنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، جىددى خارەكتىرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى ئاق قان كىسىلى، بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئاق قان كىسەللىكى ئىچىدە %70نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ھازىرچە بۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتار بولۇش سەۋەبى ۋە كىسەللىك قوزغىلىش مىخانىزىمىغا قارىتا ئىنىق بىر چۈشەنچە يوق بولسىمۇ، بىراق ئادەتتە ئائىلە ئىرسىيىتى، مۇھىتنىڭ تەسىرى ۋە گېن ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، قوشكىزەك بالىلاردا بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈشى ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىكەن. دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، پەقەت داۋالاشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرغاندا ۋە ئوتتۇرلۇقتا قايتا قوزغىلىۋالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىككى ئۈچ يىلدىن كىيىن پۈتۈنلەي ساقىيىپ كىتىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن. بۇ سەۋەپلىك ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن پۈتكۈل بىساتىنى ئىشلىتىپ بالىلىرىنىڭ كىسىلىنى داۋالاتقان بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىللىك داۋالاش ئۈچۈن 170مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن؛ ئۇلار سۇغۇرتىغا قاتناشقان ۋاقتى بىرقەدەر كىيىن بولۇپ، بالىنىڭ كىسىلى بايقالغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ سۇغۇرتىسى تېخى قوزغىتىلمىغان بولغاچقا، يۇقىردا ئېيتىلغان داۋالىنىش پۇللىرىنىڭ ھەممىنى ئۇلار ئۆز يېنىدىن چىقارغان. بۇ پۇللار ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىساد قىلىپ يېغقان پۇللىرىدىن باشقا يەنە، ئۇرۇغ-تۇققان، دوست-يارەنلىرى ياردەم قىلغان پۇللار ۋە توردا يېغىلغان ئىئانە پۇللىرى ئىدى.

گەرچە بارلىق بىساتىدىن ئايرىلىپ ھەمدە قەرزدار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەمنى خۇشال قىلىدىغىنى ئىككى بالىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك داۋالاش ئۈنۈمى بىرقەدەر كۆڭۈلدىكىدەك بولغان؛ بۇ سۇڭ لىخۇا ئەر-خوتۇنغا قايتىدىن ئىشەنچ بىرىپ، ئۇلار ئەسلىدە سۇڭ لىخۇا قېلىپ بالىلارنىڭ ھالىدىن مەخسۇس خەۋەر ئالىدىغان، ئىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ بالىلىرىنىڭ كىسىلىنى داۋالىتىشنى كىلىشكەن ئىدى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن، يېقىنقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە، ئىككى بالىنىڭ تېنىدا راك ھۈجەيرىلىرى قالدۇقى بارلىقى بايقالدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاق قان كىسىلىنىڭ ھەر ۋاقىت قايتا قوزغىلىش ئىھتىماللىقى بارلىقىدىن دىرەك بىرەتتى. بالىلىرىنىڭ كىسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئەر-خوتۇن ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇاڭخې شەھرىدىكى ئۆيىنى سېتىپ 300مىڭ يۈەن نەخ پۇل تەييارلىدى.

يېرىم يىلدىن بويانقى غايەت زور ئىقتىسادى بېسىم ۋە روھى ئازاپ، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننى بېشىنى كۆتۈرەلمىگۈدەك ھالەتكە ئەكىلىپ قويغان ئىدى؛ بولۇپمۇ بالىلارنىڭ كىسىلى قايتا قوزغىلىش ئىھتىماللىقى بار بولۇش ئىزنالىرى كۆرۈلگەندىن كىيىن، ئۇلار ئەسلىدىكى داۋالاش خامچوتى بويىچە ھىسابلىغاندا، ئۆزىنىڭ تەييارلىغان پۇللىرىنىڭ پەقەت بىر بالىسىنىلا قۇتقۇزۇشقا يىتىدىغانلىقىنى بايقىدى. قانداق قىلىش كىرەك؟ بۇ ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ ئەمەلىي مەسىلە بولۇپ قالدى. بەزىلەر ئەر-خوتۇن ئىككەيلەنگە ئاماك كۆرسىتىپ، كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق بولغىنىنى ئۆيگە ئېلىپ كىتىپ، ئەھۋالى يىنىكرەك ياكى داۋالاپ ساقايتىش ئۈمىدى چوڭراق بولغىنىنى دوختۇرخانىدا داۋاملىق قالدۇرۇپ داۋالاش تەكلىپىنى بەردى؛ يەنە بەزىلەر بالىلارغا چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش تەكلىپىنى بەردى.

سۇڭ لىخۇانىڭ دىيىشىچە، سىرتتىكى ئادەملەرنىڭ بۇ خىلدىكى ئويى بار بولۇشى ياكى بۇنداق تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭغا بۇنداق ئۇسۇلدا ئۆز بالىسنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىنى بەلگىلەشكە قويسا، سۇڭ لىخۇا بۇنداق قىلىش ئەمەس، بۇنداق قىلىشنى ئويلاشقىمۇ يۈرىكى چىدىمايتتى ھەم جۈرئەتمە قىلالمايتتى. بۇ ۋاقىتتا سۇڭ لىخۇا، بىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن "تاڭشەندىكى چوڭ يەر تەۋرەش" فىلىمىدىكى ئانا يۈەن نى دۇچ كەلگەن ئەھۋالنى ئىسىگە ئالدى: بىر جۈپ قوشكىزەك ئوخشاش بىر تاشنىڭ ئاستىغا بېسىلىپ قالغاندا، بىرسىنى قۇتقۇزسا يەنە بىرسى ھاياتىدىن ئايرىلاتتى؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئانا قايسىسىنى قۇتقۇزۇپ، قايسىسىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ؟ سۇڭ لىخۇانىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ ھازىر دۇچ كەلگەن بۇ ئەھۋالى، گەرچە كونكىرتنى ئەھۋالى فىلىمدىكىگە ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھىسياتى، فىلىمدىكى ئانا يۈەن نى بىلەن ئوپئوخشاش ئىدى.