ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئايالىنى بەزلەشنى بىلمەيدىغان ئەرلەرنىڭ كاللىسىنىڭ دەردى بار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر دوستۇم قىز دوستى بىلەن جىدەللىشىپ قېلىپ، ماڭا جىدەللىشىپ قېلىشتىكى سەۋەپلەرنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە مەندىن قانداق قىلىش كىرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئادەتتە ھەر ھالدا ئىناق ئۆتىدىغان بولۇپ، بىر-بىرىگە كىلىشىپ قالغان ئىدى، شۇڭا ئايرىلىپ كىتىمەن دەپلا ئايرىلىپ كىتىشكە يۈرىكى چىدىمايتتى.
    مەن ئۇنىڭغا "ئۇنى ئازراق بەزلەپ خۇش قىلىپ قويساڭ بولمىدىمۇ، ناھايىتى ئاددى ئىشقۇ بۇ" دەپ جاۋاب بەردىم؛
    بىراق ئۇ ناھايىتى بەك ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك قىياپەتتە، "مىنىڭ خاتا بولمىسا، نىمە دەپ بەزلىگۈدەكمەن، ئىنىقلا ئۇ يولسىزلىق قىلىۋاتقان تۇرسا" دىدى.
    مەن ئۇنىڭ كاللىسىغا بىرنى ئۇرۇپ، "سىنىڭ كاللاڭنىڭ دەردى يوقتۇ" دەپ جاۋاپ بەردىم.
    ئەمىلىيەتتە، دوستۇمغا ئوخشايدىغان بۇنداق ئەرلەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ؛ بۇ ئۇلارنى ناچار ئەرلەر دىگەنلىك ئەمەس، ئۇلارنى ئۆمۈرلۈك بىرگە ئۆتۈشكە ئەرزىمەيدۇ دىگەنلىكمۇ ئەمەس. ئۇلار پەقەت مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەنمىگەن بولىدۇ: ئەمىلىيەتتە ئاياللار يولسىزلىق قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ھەرگىز ئۇنىڭ توغرا خاتاسىنى ئايرىمەن دەپ ئولتۇرماسلىق كىرەك؛ بۇنداق ۋاقىتتا سىز ئۇنى بەزلەپ، خۇشامەت قىلىپ قويسىڭىزلا، زىددىيەت ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇپ، جاھان تىنجىيدۇ.
 
    ئايالىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ، قاقشاپ ئاغرىنىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ئىرى بولغۇچى ئۈچ خىل پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى كىرەك: بىرىنچىدىن، ئايالى كىمنى تىللىسا شۇنى تىللاش؛ ئىككىنچىدىن، ئايالىنىڭ مەيدانىنى تەۋرەنمىگەن ھالەتتە قوللاپ، ئۇنى ئىنكار قىلماسلىق؛ ئۈچىنچىدىن، چوڭ داۋلىلارنى سۆزلەپ يۈرمەسلىك.
    شۇڭلاشقا ئاياللار قاقشاپ ئاغرىنىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، سىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر ئىككى ئېغىز تىللىشىپ بەرسىڭىز، ئۇ راھەتلىنىپ قالىدۇ. مەسىلىنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، ئۇلار بۇنى بىلىشنى ئەسلا خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىۋىلىشنىلا ئويلاشقان بولىدۇ.
    خوتۇن كىشى سىرتلاردا ئاچچىقى كىلىپ قالسا، ئايال كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ بولدى قىلمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلار تەڭسىز پوزۇتسىيەگە ئۇچراپ قالسا، بەزى گەپلەرنى ئۇچۇق ئاشكارە دىيەلمەيدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتتا ئۇ ئىرىگە ھال ئېيىتىپ، ئىرىدىن دەردىنى چىقارمىسا، كىمنى ئىزىدىسە بولىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە، ئاياللار ئوخشاش ياشتىكى ئەرلەرگە قارىغاندا بالدۇر يىتىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار چۈشىنىدىغان داۋلىلار سىزنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ، ئۇلارغا چوڭ داۋلىلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش ئەسلا ھاجەتسىز.

    كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەرلەر ئايالىغا خۇشامەت قىلىپ، ئۇلارنى بەزلەپ قويسا، تۇرمۇشقا نۇرغۇن مۇھەببەتلىك ئىلمىنتلار قوشۇلىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان پاسسىپ ئىنىرگىيىلىك نەرسىلەر، ئەرلەرنىڭ بىر بەزلىشى بىلەن ناھايىتى شىرىن پەيتلەرگە ئايلىنىدۇ.
    بۇ يەردە بەزى خانىم-قىزلار سورىشى مۇمكىن: مىنىڭ ئىرىم(ئوغۇل دوستۇم) ئۈندىمەس بىر ئادەم، ئادەتتە ماڭا خۇشامەت قىلىپ، مىنى بەزلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشنى بىلمەيدۇ، بۇنداق ئەرلەر قانداق قىلىشى كىرەك؟
    مىنىڭ جاۋابىم بولسا: "گەپ قىلىشنىغۇ بىلمىسۇن، قىلىشنىمۇ بىلمەمدۇ؟"
    مىنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم لىياڭ يۈنىڭ ئەزەلدىن گەپكە ئۇستا ئەمەس بولۇپ، يېقىندا بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن؛ ئۇنىڭ قىز دوستى ئۇنى ھەمىشە گەپ قىلمايدىغان دەپ خاپا بولاتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭ قىز دوستىنىڭ ئايلىق تۇغقىنى كىلىپ، يېرىم كىچىدە قورسىقى ئاغرىپ تەرلەپ كەتكەن؛ لىياڭ يۈ بۇ ۋاقىتتا كىچىنى كىچە دىمەي قىز دوستىغا قىزىل شىكەر دەملەپ، يەنە تېخى شۇ كىچىدە كىچىسى تاقالمايدىغان تاللا بازىرىغا بېرىپ، توكلۇق گىرىلكا سېتىۋىلىپ، قىز دوستىغا ئاپىرىپ بەرگەن. قىز دوستى لىياڭ يۈنىڭ بۇ قىلغىنىدىن ناھايىتى بەك تەسىرلىنىپ، دوستلار چەمبىرىكىگە "ئەمەلى ھەرىكەت قوللىنىش، ئەڭ ياخشى بولغان بەزلەش ۋە ئامراقلىقىنى بىلدۈرۈش" دەپ يازغان.
    شۇڭا دەيمىزكى، نۇرغۇن ئەرلەر ئۆزىنى گەپكە ماھىر ئەمەس، ئاياللارنى بەزلەپ خۇشامەت قىلىشنى بىلمەيمەن دەيدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ باھانىسىدۇر.
   ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىش قۇرۇق سۆزلىگەندىن ياخشى؛ ھەممە ئادەمنىڭ تىل قابىلىيىتى ئۈستۈن بولۇشى ناتايىن، ئەمما ھەرىكەت قوللىنىش كۈچى ھەممە ئادەمدە بار. ئايالىنى بەزلەشنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، چوقۇم شىرىنلىككە ياكى رومانتىكىلىققا تولغان بولمىسىمۇ بولىدۇ؛ مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ زادى ئايالىڭىزنى بەزلەش، ئۇنىڭغا ئامراقلىقىڭىزنى بىلدۈرۈش نىيىتىڭىز بار ياكى يوقلىقىدا.
    شۇڭلاشقا ئاياللارنى بەزلەشنى بىلمەسلىكنى كىسەللىك دەيمىز، بۇنى داۋالاش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号