ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەقىللىق ئەرلەر بۇ ئۈچ "مەخپىيەتلىك"نى ئايالىغا ئېيتمايدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
    دۇنيادا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بەزىبىر "مەخپىيەتلىك"لىرى بار بولىدۇ؛ شۇڭا بۇنداق ئىشلارنى كۆڭلىمىزدە بىلسەكلا، باشقىلارغا ھال ئېيتىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق؛ چۈنكى باشقىلار ئېغىزىدا سىزگە تەسەللى بەرگىنى بىلەن، ئەمما سىز يوق يەردە سىزنىڭ بۇ مەخپىيەتلىكلىرىڭىزنى ھەممە ئادەمگە جاكارلاپ چىقىشى مۇمكىن. ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارنىڭ ئالدىدىمۇ، بەزىبىر "مەخپىيەتلىكلىرى" نى قالدۇرۇپ قويىشى كىرەك بولۇپ، بۇنىڭدا ئۆزىڭىزنىڭ سىرلىقلىق تۇيغۇسىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت، ئاياللارنىڭ سىزگە بولغان قىزىقىشىنىمۇ ئىزچىل تۈردە ساقلاپ قالالايسىز.
    بەزى ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇ خىل پىسخىكىسىنى چۈشەنمەي، ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشىنى ئايالىغا "تاپشۇرۋىتىدۇ"، نەتىجىدە ئاياللارنىڭ ئايرىلىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر سىز بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرسىڭىز، سىز ئۇنى چېچىدىن پۇتىنىڭ تىرناقلىرىغىچە بولغان ھەممە قىسمىنى تۇلۇق چۈشىنىپ بولغان بولسىڭىز، سىزدە يەنە ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىش بولامدۇ؟ شۇڭلاشقا ئەقىللىق ئەرلەر بۇ ئۈچ خىل "مەخپىيەتلىكى"نى ھەرگىز ئايال كىشىگە ئېيتمايدۇ.
1. ئۆزىنىڭ بانكا پۇل قالدۇقىنى
    ھازىر ھىيلە-مىكىرگە ئۇستا ئاياللار كۆپ بولۇپ كەتتى، پۇل ئۈچۈن سىزنى سېتىۋىتىدىغان ئاياللار خېلى كۆپ؛ ئەگەر ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي ئاياللاردىن بولۇپ قالسا ھەرھالدا ياخشى، ئۇلار ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئەخلاپ چېكىنى ياخشى ساقلاپ، سىزنى ياخشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ باشقىلارغا زىيان سالمايدۇ. ئەمما بەزى ئاياللار سىزنىڭ پۇلىڭىزنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالسا، ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئۇتۇۋىلىشقا تىرىشىدۇ؛ سىز ئۇنى ئۈزۈل-كىسىل ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا، ئۇ سىزدىن پۇل سوراشنى باشلايدۇ؛ مۇھەببەت ئادەمنىڭ كۆڭلىنى قارىغۇ قىلىپ قويىدىغان بولۇپ، سىز ئۇنىڭ كۆڭلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاسانلا ئۇنىڭ دامىغا دەسسەپ كىتىسىز.
    شۇڭلاشقا ئەقىللىق ئەرلەر، ئاياللارغا ئۆزىنىڭ نەچچە پۇلى بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ؛ ئەگەر ئاياللار بۇ "مەخپىيەتلىك"نى بىلىپ قالسا، ئۇنداقتا سىز ئۇلارنىڭ زادى نىمە ئۈچۈن سىز بىلەن بىرگە بولغانلىقىنى ئايرىيالماي قالىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مال-مۈلۈكنى سىرتقا ئاشكارىلىمىغان ياخشى، بولمىغاندا ئەگەر يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قالسىڭىز چاتاق چىقىدۇ.
2. ئىلگىركى مۇھەببەت تارىخىنى
    ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇرۇنقى مۇھەببەت تارىخىدىن بىئارام بولىدۇ، ئەجىبا ئاياللار ئۇنداق بولمامدۇ؟ بىر ئادەمنىڭ قانچە قېتىم مۇھەببەتلەشكەنلىكى، مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق ۋە مۇھەببەتكە تۇتقان پوزۇتيسىنى ئىپادىلەپ بىرىدىغان بولۇپ، ئەرلەر ئىلگىرى كۆپ قېتىم مۇھەببەتلەشكەن ئاياللارنى قوبۇل قىلالمىغانغا ئوخشاش، ئاياللارمۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم مۇھەببەتلەشكەن ئەرلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ.
    ھەر بىر ئايال كىشىنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، بىز قارشى تەرەپنىڭ ئويىنى ئۆزگەرتەلمىگەن ئىكەنمىز، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئولتۇرماسلىقىمىز لازىم؛ شۇڭا بۇنىڭدا ئەڭ ياخشى ئامال قارشى تەرەپكە بىلدۈرمەسلىكتۇر.
3. يېقىن دوستلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى
    ئەرلەر ئوتتۇرسىدىمۇ، ئاياللارغا ئوخشاش، ئۆز-ئارا مەخپىيەتلىكىنى دىيىشىدىغان ئەھۋاللار بار بولۇپ، ئەگەر ئەرلەر ئەقىللىق بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار بۇنداق مەخپىيەتلىكنى چىڭ ساقلاپ، قىز دوستىغا ياكى ئايالىغا سۆزلەپ ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن دوستلۇق مىھىرلىرىنىڭ ئاياللار قولىدا نابوت بولغانلىقى، نۇرغۇن يېقىن دوستلار ئوخشاش بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىق سەۋەپلىك ئۆچ-ئادەۋەتلىك بولۇپ قالغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئاياللار ئىرىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ئىرىنىڭ دوستىنىڭ قوچىقىغا ئۆزىنى تاشلايدىغان مىساللار ئاز ئەمەس. شۇڭلاشقا ئەقىللىق ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئايالنىڭ ئالدىدا، ھەرگىز دوستلىرىنىڭ ئىشلىرىنى كۆپ سۆزلىمەسلىكى كىرەك، بولمىغاندا تاسادىپى ئاياللارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ قويسىڭىز، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقان بىلەن ئوخشاش بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号