ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ساراڭ ئادەم بولامدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاياللارنىڭ گۈزەللىكنى سۆيۈشى تۇغۇلما بولىدۇ. تېخنىكا يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ھازىرقى دەرۋىمىزدە، كىچىك جەھەتتە كىيىم-كىچەك ۋە گىرىمدىن باشلاپ، چوڭ جەھەتتە ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىىسى قىلدۇرۇشقىچە بولغان ھەر تۈرلۈك گۈزەللىك قوغلىشىش ئۇسۇللىرى مەيدانغا چىقتى. بۇنداق ئېقىمنى توغرا چۈشنىشكە بولىدۇ، ئەمما گۈزەللىككە ئىنتىلىمەن دەپ نىرۋىدىن ئادىشىپ قالسا، تازا ياخشى ئەمەس.
   ئىتالىيىلىك بۇ موماينىڭ ئىسمى فۇلۋىيا.پىللىگرىنو بولۇپ، بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن. جەلىپكار بەدەن شەكلى ۋە چىرايلىق ھۆسىنگە ئىرىشىش ئۈچۈن، بۇ موماي ھۆسىن تۈزەش يولىدا بارغانسىرى ھاياجانلىنىپ، نىرۋىسىدىن ئادىشىش دەرىجىسىگە يىتىپ قالغان.
    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، فولۋىيا ھازىرغا كەلگىچىلىك 150 قېتىمغا يېقىن ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان بولۇپ، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، يۈزى، كۆكسى ۋە ساغرا قىسىملىرىغا قارىتا ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان ھەمدە بۇ جەرياندا خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 450مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن.
    ئەمىلىيەتتە، ئۇنىڭ بۇنداق ساراڭلاردەك ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇشىدىن ئەجەپلىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى فۇلۋىيا ئەسلىدە بىر ئەر كىشى بولۇپ، ئۇ 15 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئايال كىشىگە ئۆزگىرىشنى ئۈمىد قىلاتتى؛ ئۇ توي قىلغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بۇ خىيالىنى ئايالىغا ئېيتقاندا، ئايالى بۇنىڭغا قارشى چىقمايلا قالماستىن تېخى ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان.
    ئايالىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەندىن كىيىن، فۇلۋىيا كۆڭلىنى توختىتىپ، جىنس ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلگەن. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 520مىڭ يۈەن پۇل خەجلەپ، جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان ھەمدە ئۆزىنى قارىماققا ئايال كىشىگە تېخىمۇ بەكرەك ئوخشايدىغان قىلىش ئۈچۈن، ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ساراڭلارچە ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىغان. (يۇقىردىكى رەسىم: فۇلۋىيا ۋە ئۇنىڭ ئايالى بولۇپ، فۇلۋىيا گەرچە جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئايالى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتمىگەن؛ ئىككەيلەن كوچىدا بىرگە ماڭغىنىدا خۇددى بىر جۈپ ئاچا-سىڭىللارغا ئوخشايدۇ.)
    سىز فۇلۋىيانىڭ كالپۇكىنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى ئۇ قېلىن كالپۇكنى ياخشى كۆرىدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇ قېلىن كالپۇكقا ئىرىشىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كالپۇك قىسمىغا قارىتا 100 قېتىمدىن ئارتۇق ئوپراتسىيە قىلدۇرغان؛ ئۇنىڭ كالپۇكى بەلكىم ئۇنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى جەلىپكار بىلىنىشى مۇمكىن، بىراق تورداشلار ئۇنىڭ بۇ كالپۇكىنى ئەسلا ياراتمىغان بولۇپ، ئۇنى تېخى "شياڭچاڭ كالپۇك" دەپ مەسخىرە قىلغان.
    ھۆسىن تۈزەش ئۈچۈن، فۇلۋىيا جىمى بىساتىدىن ئايرىلغان. 150 قېتىمدىن ئارتۇق ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن باشقا، فۇلۋىيا يەنە بەدەندىكى ماينى تارتقۇزۇش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، فۇلۋىيانىڭ تور ئالاقە ۋاستىلىرىدا بىلدۈرۈشىچە، ئەڭ مۇكەممەل بىر ئايال كىشىگە ئايلىنىش ئۈچۈن، ئۇ بۇندىن كىيىمۇ ھۆسىن تۈزەش قەدەملىرىنى توختاتمايدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号