ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھازىرقىدەك يۇقۇملۇق زۇكام مەزگىلىدە ئېھتىيات قىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يۇقۇملۇق زۇكام، قىش ۋە باھار پەسلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كىسەل بولۇپ، يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل جىددى خارەكتىرلىك نەپەسلىنىش يولى ياللۇغى؛ يۇقۇملۇق زۇكام ھاۋادىكى ئادەمنىڭ ئېغىز بۇرنىدىن چىققان چاچراندى ماددىلار، ۋە ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار: قىزىش، پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، پۈتكۈل بەدەن كىرىشىپ ئاغرىش، گال ئاغرىش، بۇرۇن پۈتۈش ۋە بۇرۇندىن ماڭقا ئېقىش قاتارلىقلار. ئادەتتە بالىلار ئاسان يۇقۇملىنىدىغان بولۇپ، مەكتەپلەردە بولسا يۇقۇملۇق زۇكام ئاسانلا مەركەزلىشىپ تارقىلىدۇ.
يۇقۇملۇق زۇكام ۋە زۇكامنىڭ پەرقى
    1. يۇقۇملۇق زۇكامنى كىسەللىك ۋىرىۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، كىسەللىك ئەھۋالى جىددى بولىدۇ؛ ئادەتتە 40-39 سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا قىزىپ، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدىنى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئادەتتىكى زۇكامنىڭ بولسا، كىسەللىك ئەھۋالى ئۇنداق جىددى كەلمەيدۇ، دەسلەپكى مەزگىلىدە گال ئاغرىش ۋە ماڭقا ئېقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
     2. يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋاكسىنا ئەملەش. ئادەتتىكى زۇكامدا بولسا ئىمكان قەدەر يېتىپ ئارام ئېلىش كىرەك.
    3. مەيلى يۇقۇملۇق زۇكام بولسۇن ياكى ئادەتتىكى زۇكام بولسۇن، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى قارىغۇلارچە ئىشلەتمەسلىك كىرەك. يۇقۇملۇق زۇكام ۋە كۆپ قىسىم ئادەتتىكى زۇكاملارنى ۋىرۇسلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرى ۋىرۇسقا قارىتا ھېچقانداق ئۈنۈم تەسىرى كۆرسەتمەيدۇ. بەزى زۇكاملارنى باكتىرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ، بىراق بۇنىڭدىمۇ كىسەلگە قاراپ ئاندىن دورا ئىشلەتمەك كىرەك. ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى قارىغۇلارچە ئىشلەتكەندە، ۋىروس كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملۇق زۇكام ۋە ئادەتتىكى زۇكاملارغا قارىتا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغاندىن سىرت، يەنە تېخى ئادەم بەدىنىنىڭ دورىغا ماسلىشىپ قېلىپ، دورا تەسىر قىلماس بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر زۈرۈر تېپىلسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كىيىن، ئاندىن داۋالاش ئۇسۇلىنى بىكىتىش لازىم.

يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
1. يۇقۇملۇق زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش
    يۇقۇملۇق زۇكام ۋاكسىنىسى، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ كەڭ دائىردە تارقىلىشىنى كونتىرول قىلىشتا قوللىنىلىدىغان ئاساسلىق چارىلەرنىڭ بىرى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ياشانغانلار، بالىلار ۋە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەر يىلى يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى تەۋسىيە قىلغان. دۆلىتىمىزدە ئادەتتە ھەر يىلىنىڭ9-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان مەزگىللىرى، يۇقۇملۇق كىسەل ۋاكسىنىسى ئەملەيدىغان مەزگىل؛ چۈنكى قىش پەسىلدە يۇقۇملۇق زۇكام كۆپ تارقىلىدىغان بولۇپ، يۇقۇملۇق زۇكام كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشتىن بۇرۇن ۋاكسىنا ئەملەش، ۋاكسىنا ئەملەنگۈچىنى يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلايدۇ.
2. شەخسي تازىلىققا ئەھمىيەت بىرىش
   قولىمىزنى سوپۇن ئىشلىتىپ ئاقما ھالەتتىكى سۇدا پاكىز يۇيۇپ بەرسەك، ۋىروستىن يۇقۇملىنىش ۋە ۋىروس تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىشقا بولىدۇ. ئادەملەر زىچلىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىپ كەلگەندىن كىيىن ياكى قوللىرىمىز نەپەسلىنىش سېستىمىسى ئاجرالما ماددىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، قولىمىزنى شۇ ھامان پاكىزە يۇيۇش لازىم. ئۇندىن باشقا، چۈشكۈرگەن ياكى ھۆتەلگەن ۋاقىتتا، قولياغلىق ياكى تازىلىق قەغىزى بىلەن ئېغىز بۇرنىمىزنى ئىتىۋىلىپ، ئېغىز بۇرنۇمىزدىن چىققان چاچراندىلارنىڭ باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇشىدىن ساقىلىنىشىمىز لازىم.
3. دەرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش
    كىسەللىك ۋىرۇسىنىڭ تەبىئى مۇھىتتا ياشاش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، كىسەللىك ۋىرۇسلىرى قۇياش نۇرىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن، پاكىزلىقتىن، قۇرغاقلىقتىن قورقىدۇ؛ كىسەللىك ۋىرۇسى ساپ ھاۋادا ناھايىتى تىزلا ئۆلۈپ تۈگىشىدۇ، شۇڭا قىش كۈنلىرىمۇ ئىشىك دەرىزىلەرنى ئېچىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئادەتلىنىش كىرەك.
4. بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش
    ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش ۋە يىتەرلىك ئۇخلاش، كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. بۇندىن باشقا يەنە پىياز، سامساق دىگەنگە ئوخشاشش باكتىرىيە يوقىتىش ئۈنۈمى كۈچلۈك بولغان يىمەكلىك ياكى ئاق تۇرۇپ دىگەن ئوخشاش ئورگانىكلىق گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرى تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ھەمدە ۋىيتامىن C ۋە سىنىك ماددىسى مول تەركبىلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
5. كىيىمنى مۇۋاپىق مىقداردا كىيىش
    كىيىمنى ئاز كەيسەك، ئاسان سۇغۇق ئۆتۈپ زۇكامداپ قالىمىز. ئەگەر بەك كۆپ كەيسەك، تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەرلىگەندىن كىيىن، ئازراقلا شامال ئۇرۇپ قالسا، ئەكسىچە تېخىمۇ ئاسان زۇكامداپ قالىمىز.
6. سۇنى كۆپ ئىچىش
    سۇنى كۆپ ئىچىپ بىرىشمۇ بىر خىل يامان ئەمەس ساغلاملىق ئۇسۇلىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号