ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بالىسىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئايال ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يىڭى زىللاندىيىدە، يېقىندا بىر قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى؛ 26 ياشلىق بىر ھامىلدار ئايال، قورسىقىدىكى بالىنىڭ جىنسى ئايرىمىسى تەكشۈرۈشى قىلدۇرغاندىن كىيىن ئىز-ئىزدىرەكسىز يوقاپ كەتكەن؛ ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتكەندىن كىيى، ئۇ ئايالنىڭ جەسىتى، ئادەم ناھايىتى ئاز بارىدىغان بىر دېڭىز ساھىلىدە بايقالغان بولۇپ، ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە، ئۇ ئايالنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىك ئىھتىماللىقىنى يوققا چىقارغان. ئۇ ئايالنىڭ ئىرىنىڭ دىيىشىچە، ئايالى ئىزچىل تۈردە ئوغۇل پەرزەنت تۇغۇشنى زىيادە ئارزۇ قىلىپ كەلگەچكە، بۇ قېتىم قورسىقىدىكى بالىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، روھى جەھەتتىن تۈگىشىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى تاللىغان ئىكەن.
    ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ 24-نويابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆلگۈچى، ھىندىستانلىق ئايال سونام.شىلار، بۇ يىل 26 ياش بولۇپ، ئىرى ساجار بىلەن يىڭى زىللاندىيىنىڭ پايتەختىدە ساياھەت قىلىپ ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. 17-نويابىر كۈنى، قورسىقىغا بەش ئايلىق بولغان سونام ئىرى بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا توغۇت ئالدىدىكى ئۆلچەملىك تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشقا بارغان؛ ئۇ كۈنى سونام، ئولتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرتۈشتە قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ جىنسى ئايرىمىسىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى بىلگەن؛ كىيىن دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن، سونام ماشىنىغا كىرىپلا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەن ھەمدە ئۆيىگە قايتىش يولىدا، ئۆزۈيالغۇز بىردەم ئايلىنىپ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇشنى باھانە قىلىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ قالغانچە، قايتا ئۆيىگە قايتىپ بارمىغان.

     ئەتىسى ساجار ئايالىنىڭ ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلغان؛ ساقچىلار دىلونى قوبۇل قىلىپ ئىزدەشنى باشلىغان ھەمدە شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنى ئالاقىدار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىق قىلغان. ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، يەنى 21-نويابىر كۈنى، 10نەچچە ياشلىق بىر دولقۇن تېيىلغۇچى، بىر قەدەر چەتكە جايلاشقان ۋالالاپا دېڭىز ساھىلىدە بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقاپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغان؛ ساقچىلار نەق مەيدانغا يىتىپ كەلگەندىن كىيىن، بۇ جەسەتنىڭ دەل ئۆزى ئىزدەۋەتقان سونامنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇندىن باشقا يەنە، جەسەتنىڭ يېنىدا ئىككى يانفون بايقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلگۈچىنىڭ بۇيۇملىرى ئىكەن.

    بۇ دىلو شۇ جايدا زور دەرىجىدە غولغولا قوزغىغان؛ چۈنكى ساجار ئايالىنى ئىزچىل تۈردە ئوغۇل تۇغۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنلىكتىن، قورسىقىدىكى بالىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، روھى جەھەتتىن بۇنى قۇبۇل قىلالماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان دەپ ئېيتقان؛ بىراق كىشىلەر ساجارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي، بىرەر يۇشۇرۇن ئەھۋال بار بولۇشىدىن گۇمانلانغان. ئەمما ساقچى تەرەپ سونامنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىك ئېھتىماللىقىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان بولۇپ، سونامنىڭ ئىرى ساجار بىگۇناھ ئىكەن.

    ئائىلە باياناتچىسى خاسار.پاتىكانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆلگۈچى يوقاپ كەتكەن كۈنى ھىندىستاندىكى ئائىلىسىگە تېلفۇن بەرگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا ھەممە ئىش نورمالدەك بىلىنگەن؛ ھازىر ئۇلار ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىتەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئائىلە ئەزاسىدىن ئاز دىگەندىمۇ بىر كىشىنى يىڭى زىللاندىيەگە ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号