ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرلەر بىلەن ئاسانلا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان ئاياللار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاتالمىش "يات جىنىسلىق سىرداش دوستى"، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويۇشى مۇشۇ نوقتىدىن باشلىنىدۇ. يات جىنىسلىق دوستلار ئارىسىدا ئازراقلا ياخشى كونتىرول قىلالماي قالسا، ئاسانلا "مەسىلە" سادىر قىلىپ سالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە تۆۋەندىكى 5 تۈردىكى  ئاياللار بولۇپمۇ ئەرلەر بىلەن ئاسانلا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.
1. شۆھرەتپەرەس ئاياللار
    بەزى ئاياللارنىڭ قولىدا پۇلى كۆپ ئەمەس، ئەمما ئىنتايىن شۆھرەتپەرەس كىلىدىغان بولۇپ، ھەممە ئىشتا باشقىلار بىلەن بەسلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئەمىلىيەتچىل كەلگەن ئاياللار ئۆزىنىڭ پىرىنسىپلىق ئاخىرقى چېكىنى ئاسانلا بۆسۈپ ئۆتۈپ كىتىدىغان بولۇپ، بەزىبىر ماددى نەرسىلەر ئۈچۈن ئۆزىنى "تەقدىم" قىلىۋىتىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئادەتتە ھەرخىل ئەرلەر ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، پۇرسەت تۇغۇلسىلا ئەرلەرنى سوۋغات ئېلىپ بىرىشكە سالىدۇ؛ ئەمما دۇنيادا ھېچقانداق يەردە بىكارلىق ئىش بولمىغاچقا، ئاياللار ئەرلەرنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلىپ سالسا، ئاسانلا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
2. ھىسياتچان ئاياللار
    بەزى ئاياللار تۇغۇلما ھىسياتچان كىلىدىغان بولۇپ، ھەممە يەرلەردە ئىشىق نوتىلىرىنى قالدۇرۇپ، ئەرلەرگە ئۆزىنىڭ دەردىنى تۆكۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىپ، ئەرلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئىرىشمەكچى بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئادەتتە ئەرلەرگە چوڭ بىر پۇرسەت يارىتىپ بىرىدىغان بولۇپ، پەقەت كەيىيات ۋە مۇھىت ماس كەلسىلا، ئاسانلا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.
3. ئەرلەر بىلەن "ئاغىينە" بولۇپ ئۆتىدىغان ئاياللار
    نۇرغۇن ئاياللار ئەرلەر بىلەن "ئاغىينە"، "بۇرادەر"دىيىشىپ ئۆتۈپ، ئەرلەر ئارىسىدا يۈرۈشكە ئامراق. بۇنداق ئاياللار ئەرلەرنى بۇرادىرى قاتارىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىدۇ؛ ئەمما دۇنيادا نەدىمۇ ساپ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى بولسۇن؟ شۇڭا ئۇلارنىڭ بىرگە ئۆتكەن ۋاقتى ئۇزارغانسىرى، ئاسانلا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.
4. شاللاق ئاياللار
    بەزى ئاياللار تۇغۇلما شاللاق كىلىدىغان بولۇپ، ئەرلەرگە قارىتا "تورنى كەڭ يېيىش"نى ياخشى كۆرىدۇ. ئادەتتە بۇنداق ئاياللارنىڭ نۇرغۇنلىغان يات جىنىسلىق دوستلىرى بار بولۇپ، ئۇلار بىرلە ۋاقىتتا بىر نەچچە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئەرلەر بىلەن يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ، ئەرلەرگە نىسبەتەن تەشەببۇسكار بولىدۇ؛ بۇنداق ئاياللار ئەتراپىدىكى ئەرلەر بىلەن ئەلۋەتتە ئاسانلا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.
5. كىچىلىك كۇلۇبلارغا بېرىشقا ئامراق ئاياللار
    كىچىلىك كۇلۇپقا كۆپ بارىدىغان ئاياللار ئاسانلا نۇرغۇن يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ قالىدۇ. ئادەتتە چىراق يۇرۇقلىرى غۇۋا كەلگەن ھاراق سورۇنلىرىدا، ئىسپىرتنىڭ ناركوز قىلىش تەسىرى ئاستىدا، قارشى تەرەپ بىلەن ئاسانلا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئەر كىشى ياكى ئايال كىشى بولسۇن، كىچىلىك كۇلۇپقا بارىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، ئەسلىدىنلا ناتوغرا مەقسەتلىك بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号