ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يەنە بىر بوۋاق دادىسى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاۋىستىرالىيىدىكى 9ئايلىق چوڭلۇقتىكى بىر بوۋاق يېقىندا ئۆز دادىسى تەرپىدىن رەھىمسىزلەرچە دەرياغا تاشلىۋىتىلگەن؛ ئۇنىڭ جەسىتى 30 كىلومىتىر يېراقلىقتىكى دەريا ساھىلىدە كىشىلەر تەرپىدىن بايقىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىنغان. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ياش پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، سەرگەردان تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن؛ ھازىر ئۇلار ھەر ئىككىسى ساقچىلار تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان.
    ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ 22-نويابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆز بالىسىنى سۇغا تاشلاپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن بۇ ئەر، ئايال ئايرىم-ئايرىم ھالدا 48 ياش ۋە 23 ياش بولۇپ، ئىككەيلەن ھازىر نىكاھلانمىغان ھالەتتە بىللە تۇرۋاتقان ھەمدە بىر قىز بىر ئوغۇل ئىككى پەرزەنتلىك بولغان. ئۇلارنىڭ ئوغلى بۇ يىل ئىككى ياشقا كىرگەن، دەرياغا تاشلىۋىتىلگەن بوۋاق ئۇلارنىڭ 9 ئايلىق چوڭلۇقتىكى قىزى ئىدى. بۇ ئىككەيلەن ناھايىتى كەمبەغەل بولۇپ، تۇرىدىغان يىرى يوق ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ تۈزۈكرەك كىيىملىرىمۇ يوق بولۇپ، ئىككى بالىسىغىمۇ ئادەتتە زاكا سېلىپلا كىيىم كېيگۈزمەيدىكەن.

     17-نويابىر كەچتە، ئەر ئۆزى يالغۇز قىزىنى ئېلىپ سىرتقا ماڭغان ھەمدە يالغان سۆزلەپ قىزىنى شۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالە ئارىسىدىكى بىر ئاقساقالنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بىرىدىغانلىقى ئېيتقان. بىراق ئۇ ئەمىلىيەتتە، جېك ئايۋىنىس پورتىغا كىلىپ، ئۆزى قىزىنى تىۋىد دەرياسىغا تاشلاپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن. قىز بوۋاق تۇنجۇقۇپ ئۆلگەندىن كىيىن،ئۇنىڭ جەسىتى شىمالى تەرەپكە قاراپ لەيلەپ ئېقىپ، ئىككى كۈندىن كىيىن، 30 كىلومىتىر يېراقلىقتىكى دەريا ساھىلىگە چىقىپ قالغان. بۇ ۋاقىتتا ساياھەتچىلەر بوۋاقنىڭ جەسىتىنى بايقاپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغان ھەمدە بوۋاقنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنغان؛ ئەمما جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۇلارغا بوۋاقنىڭ ئاللىقاچان نەپەستىن قېلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان.

    دىلو يۈز بەرگەندىن كىيىن، ساقچى تەرەپ كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ ئىسپات توپلاش ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ تاپقان ھەمدە ئۇلارنى قولغا ئالغان. ئەمما ئىككىنچى كۈنى بوۋاقنىڭ ئانىسىنى قويۇپ بەرگەن، چۈنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ قىزىنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەرسىز بولۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاتناشمىغان ئىكەن. قىزىنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۇ ئايالنىڭ نىرۋىسىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈپ، ھازىر شۇ جايدىكى نىرۋا كىسەللىكىلىرى سەھىيە ئورگىنىغا كۆزىتىپ داۋالاش ئۈچۈن ئاپىرىپ قويۇلغان.
    ساقچى تەرەپ 48 ياشلىق جىنايەت گۇماندارىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن؛ 22- نويابىر بۇ ئىپلاس دادا تىۋىد خىس يەرلىك سوتىدا تۇنجى بولۇپ سوتلاشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ كىلەر يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە تۇتۇپ تۇرىلىدىكەن.
    ئۆلتۈرۈلگەن بوۋاقنىڭ 2 ياشلىق ئاكىسى بولسا، ھازىر ئىجتىمائى پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن. ئەتراپتىكى ئەھۋالدىن خەۋەر كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى نۇرغۇن ئاياللار بۇ بىر ئائىلدىكى تۆت ئادەمنىڭ ئىپتىدائى جەمئىيەتتىكىگە ئوخشاش تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككى بالىنى بېقىۋىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. بىراق بۇ نىكاھسىز ئەر-خوتۇن، بوۋاق زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ئازراق ئىلگىرى، يەنە بىر سەرگەردان ئايالدىن بالىلىرىنى بېقىۋىلىشنى ئۆتۈنگەن، ئەمما قارشى تەرەپ ئۆزىنىمۇ باقالمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号