ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سېمىزلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان 11ياشلىق بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ 21-نويابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبى ئافرىقىلىق 11 ياشلىق ئوغۇل بالا كادىن.بىنجامىن، پىرىدۋىلى ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، 11-ئاينىڭ 15- كۈنى بىلتولىيەدىكى سىتىفبىك دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    كادىن بۇ كىسەللىك تۈپەيلى، ئىلگىرى قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ھەتتا تازىلىق قەغىزىنىمۇ يىگەن ھەمدە بۇ سەۋەپلىك گىزىتنىڭ باش بېتىگە چىققان.
    پىرىدۋىلى ئونۋىرسال كىسەللىكى ئادەتتە "بودەك ۋىل كىسەللىكى" دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بىمار بىر يېشىدىن باشلاپلا ئۆزىنى توختىتالمىغان ھالەتتە بىرنەرسىلەرنى يەيدىغان، بىر خىل ئىرسىيەت خارەكتىرلىك كىسەل، ئادەتتە ئادەمنىڭ بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 12 مىڭدىن بىردىن 15مىڭدە بىرگىچە بولىدۇ. كادىن بۇ خىل كىسەللىكنىڭ قاتتىق ئازاپلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ توختىماي بىر نەرسە يىگەندە، ئۇنىڭدا ئاندىن قورساق ئېچىش تۇيغۇسى بولمايتتى؛ ئەگەر يىمەكلىك تاپالمىسا، ئۇ ھەتتا تازىلىق قەغىزى ياكى لاي-توپا دىگەنلەرنىمۇ يەيتتى. بۇ سەۋەپلىك، كادىننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، 10 يېشىدىلا 180 جىڭغا يەتكەن.
    ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاز ئۇچرايدىغان كىسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىق ۋە سېمىزلىك سەۋەبىدىن، كادىننىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە يۈرەك كىسەللىكى، دىئابىت ۋە خامۇشلىشىش قاتارلىقلار كىسەللىكلەر بار ئىكەن. كادىننىڭ ئانىسى زورانىڭ بىلدۈرۈشىچە، كادىن ھايات ۋاقتىدا ھەر دائىم مىنىڭمۇ سىرتلارغا چىقىپ بالىلار بىلەن ئوينىغۇم كەلدى دە يىغلايدىكەن. زورا بىردىنبىر ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن، ئىنتايىن بەك ئازاپلانغان؛ بىراق ئۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ ئوغلى كادىننىڭ مۇلايىم ھەم جاسارەتلىك بىر ئوغۇل بالا ئىكەنلكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号