ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تاياقتىن زەخمىلەنگەن ئايال دوختۇرخانىغا بېرىپ يەنە تاياققا قالدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىز ھەمىشە ئەدىبى-سەنئەتنىڭ ئىلھامى تۇرمۇشتىن كىلىدۇ دەيمىز، چۈنكى رىئال تۇرمۇشتا ئادەم ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان ئىشلار بەك كۆپ. مەسىلەن، تۆۋەندىكى روسىيىلىك ئايالغا ئوخشاش، ئۇنىڭ يېقىندا ئامىتى قېچىپ، ھەم ئېچىنىشلىق ھەم كۈلكىلىك بىر ئىشقا دۇچار بولغان؛ ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئەھۋال؟
    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ روسىيىلىك بىر ئايال بولۇپ، ئۇ بىر كۈنى كەچلىك كۇلۇبقا كۆڭۈل ئېچىشقا بارغاندا، قاۋاقخانا ئىچىدە ناتۇنۇش بىر ئەر كىشى تەرپىدىن قاتتىق تاياق يىگەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايال ئۆزىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى نىمىشقا ئۇرغانلىقىنى بىلەلمىگەن بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ناھايىتى بىئارام بولۇپ ئىچى پۇشقان.
    تاياق زەربىسىدىن بۇ ئايالنىڭ كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، يارىسى بىر قەدەر ئېغىر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككىنچى كۈنى يارىسىنى كۆرسىتىپ داۋالىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا باردى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇرنى كۆرگەن پەيتتە داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى؛ چۈنكى ئۇ كۆرۈنمەكچى بولغان دوختۇر، دەل ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى، قاۋاقتا ئۇنى ئۇرغان ناتۇنۇش ئەركىشى ئىدى.
    بۇ ۋاقىتتا، دوختۇرمۇ ئۇ ئايالنى كۆرۈپ دەرھال ئالدىنقى ئاخشىمى قاۋاقتا يۈز بەرگەن ئىشنى ئىسىگە ئالدى؛ دوختۇر ئۇ ئايال كىشنىڭ يانفونىنى چىقىرىپ ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ئايالنىڭ نىمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندى، بىراق ئۇ ئايالنى توسىمىسا، ئۇنىڭ كەسپى ھاياتى ئاساسى جەھەتتىن تۈگەشكەن ھىسابلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دوختۇر ئۇ ئايالغا سۈرەتكە تارتماسلىقنى ئېيتتى؛ بىراق ئۇ ئايال قانداقمۇ ئۆزىنى ئۇرغان بۇ ئەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىسۇن؟ نەتىجىدە دوختۇر ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى باسالماي، ئۇ ئايالنى يەنە بىر ھازا ئۇرۇپ دۇمبالىغان.
    بۇ ئىشتىن كىيىن، تاياق يىگەن ئايال، گەرچە ئۆزى يانفونىدا سۈرەتكە ئېلىۋالغان كۆرۈنۈشلەر ۋە بەدىنىدىكى جاراھەتلەرنى ئىسپات قىلىپ تۇرۇپ، دوختۇرنى سوتقا ئەرز قىلغان ھەمدە مۇناسىپ ھالدا تۆلەمگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق سەۋەپسىزلا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم تاياققا قېلىش، ھەقىقەتەن بەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号