ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سۆيۈشۈش ئۇسۇلىڭىزدىن خارەكتىرىڭىزنى بىلىۋىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مۇھەببەت ئادەمنى خىياللارغا باشلايدىغان دورىغا ئوخشايدۇ، قىزغىن مۇھەببەت كىشىنى مەستخۇشلاشتۇرۇپ ئۆزىنى تارتىۋالالمايدىغان قىلىدۇ؛ بەزىلەر بۇ ئارقىلىق ئازار يىگەن قەلبىنى تەسكىن تاپقۇزىدۇ، بەزىلەر بۇ ئارقىلىق يۈگىنىنى قويۇۋىتىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدۇ. ئەمما سىزنىڭ بىلمەسلىگىڭىز مۇمكىن بولغان  يەنە بىر نوقتا بار، يەنى ئاشىقىڭىز بىلەن سۆيۈشكەن ۋاقتىڭىزدىكى بەدەن شەكلىڭىز سىزنىڭ خارەكتىرىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
سۇئال: سز قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاشىقىڭىز بىلەن سۈيۈشكەن ۋاقىتىڭىزدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن قايسىسى كۆرلىدۇ؟
     A ئىككى كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋىلىش
     B ئاۋال ئېغىزىنى چايقاپ پاكىزلاش
     C سۈيۈشۈش ئىزناسى قالدۇرۇش
     D قىزغىن قۇچاقلىشىش
جاۋاب ئانالىزى
     A جاۋاب: سىز رومانتىكىلىقنى تەرغىپ قىلغۇچىلارنىڭ تىپىكى؛ ئەنئەنىۋىلىققا ئىگە خارەكتىر، رەسمى يۇسۇندىكى سۈيۈشۈش ئۇسۇلى. ئەمما سىز ئاسانلا مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بۇلىدىغان ھەم مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى تەقدىم قىلىدىغان، ئۆمۈرلۈك پۇشايمان قىلماسلىقتىنمۇ باش تاتمايدىغان خارەكتىرىڭىز سەۋەبلىك، ھەمىشە مۇھەببەت خىياللىرىنىڭ توزۇپ كىتىش ئازابىغا ئۇچرايسىز. شۇڭلاشقا سىز مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىڭىزدا، ئەڭ ياخشىسى بۇ بىر بۆلەك ھىسياتنى ياخشى سىناڭ، كۆپ ئۈمىد كۈتۈپ كېتىشكە ئالدىرماڭ، ئاخىرىدا گۈزەل چۈشلەردىن ئاسانلا ئويغىنىپ كىتىپ، ئۆزىڭىزگە ھەسرەت قالدۇرۇشتىن ساقلىنىڭ!
     B جاۋاب: سىز ئۆزىڭىزنى ۋە پاكىزلىقنى سۆيىدىغان بۇلۇپ، بەلكىم پاكىزلىق ھەۋىسىڭىز بۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئالدىدا سامساق، پىياز قاتارلىقلارنى يىگەنلىكتىن ئېغىزىڭىزدا پۇراق پەيدا بۇلۇپ قالغانلىقتىن بۇنداق قىلغان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ قارشى تەرپنى ئاسرىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغاندا، ئاشىقىڭىز سىزنى سۆيگەن ۋاقىتتا، سىز بىلەن ئېغىز چايقىغان سۇنىڭ تەمىنى ئايرىيالماي قالىدۇ ! سىز ھەممە ئىشتا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان ئادەم، ئاسان جىددىلىشىسىز ھەم خىجىل بۇلىسىز، شۇڭلاشقا ئىشلار كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولمىغان ۋاقىتتا ئاسان ئۈمىدسىزلىك ۋا قايغۇلۇق ھىس قىلىسىز، بۇ خىل روھى ھالىتىڭىز جىنى تۇرمۇشتا يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇتەئەسسىپ ۋە بىكىنمىچىلىك بۇلۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
    C جاۋاب: سىز ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىغىڭىزنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاشكارىلايدىغان بۇخىل مۇھەببەت ئىزناسىنى قالدۇرىسىز. سىزنىڭ سۆيۈشكەندە قالدۇرغان ئىزنارىڭىز خۇددى بەدەن چەكمىسىگە ئوخشاش مۇھەببەتنىڭ سىموۋولى بۇلۇپ ھىسابلىنىدىغان بۇلۇپ، سىز ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچۈپ كەتمەي، "بۇ ئادەم باشقىلارغا تەۋە بۇلۇپ بولغان، باشقىلار يېقىن كەلمەڭلار" دىگەن مەنىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز. بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان ئاشىقىڭىز بولسا، ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ مۈرىسى ئېگىزرەك كۆينەكتىن بىرنى سېتىۋىلىپ، سىز قالدۇرغان ئىزنالارنى يۆگەپ يۈرۈشتىن باشقا ئامالى بولمايدۇ.
    D جاۋاب: مۇھەببەت چوڭقۇر قاتلامغا يەتكەندە، تىللار يۆگىشىپ كىتىدۇ. بۇ خىلدىكى قاتتىق ھاياجانلىنىشقا تولغان فىرانسىيىچە سۈيۈشۈش، ئىشقى ھەۋەس ئوتلىرىنى ئاسانلا قوزغاپ قويىدىغان بۇلۇپ، تېخى نىكاھلانمىغان ئوغۇل قىزلار ئەڭ ياخشىسى ئاۋال ئۇلنى ياخشى سېلىشقا تىرىشىپ، "ئوت" نى ۋاقتىدا ئۆچۈرۋالغان ياخشى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号