ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەرمۇ ئايال؟ ئەرمۇ ئايال؟ زادى ئەرمۇ ياكى ئايال؟؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئامرىكىلىق ئايال روسىي.گىل ياشلىق ۋاقتىدىن باشلاپلا، ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى زىيادە كۆپىيىپ كەتكەن تۈكلەر ۋە ساقىلى بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئۇ ساقىلىنى قىرىشتىن ۋاز كەچكەندىن كىيىن، ئەكسىچە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تېپىۋالدى. روسىي بۇيىل 39 ياشقا كىرگەن بولۇپ، گەرچە دوختۇرلار ئىنىق دىئاگۇنوز قويالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بىنورمال كەلگەن تاشىقى قىياپىتىنى كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان سىندرومى كىسەللىكى سەۋەبىدىن دەپ قارايدۇ.
    روسىي 13 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ زاڭىقى، ئىككى مەڭزى ۋە ئۈستۈن كالپۇكىنىڭ يۇقىرى تەرپىگە ساقال ئۈنۈپ چىقىشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ناھايىتى بىئارام بولۇپ، ساقالنىڭ ئىزناسى كۆرۈنگەن ھامان ئۇنى قىرىپ تاشلايتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتى، خىجىللىق ھىس قىلاتتى.
    ئۇزۇن يىلدىن بىرى، ھەر كۈنى داۋاملىشىۋاتقان ساقال يۇڭداش، ساقال قىرىش، ھەتتا قىممەت ھەقلىق لازىر نۇرى ئوپىراتسىيەسى قاتارلىقلار ئۇنىڭ تىرىسىنى ئىنتايىن ئاجىز قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تىرىسى ئەمدى داۋاملىق بۇنداق قىيناشلارنى كۆتۈرەلمەيتتى.
    بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئۆزى ئالاقە قىلغان ئەرلەرنىڭ، دوستلىرىنىڭ ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ، ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭدا ئەمدى قايتا ساقال قىرماسلىق ئويى پەيدا بولدى.
   ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى ئىدى. دورا بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەندىن كىيىن، ئۇ توردا ئۆزى بىلەن ئوخشاش كەچمىشلىرى بار نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتى؛ بۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭ بىر رىغبەتلەندۈرۈش بولدى.
   روسىي زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ ئۆزىنى ئەكسىچە تېخىمۇ ئاياللىق نازاكىتى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ چۈنكى ئۇ ئاياللىق نازاكىتى ئادەمنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىنلا ئەمەس بەلكى يەنە بىر ئادەمنىڭ تۇرۇشقا تۇتقان پۇزىتسىيىسى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ دەپ قارايدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号