ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاپلىسىن كونسېرۋاسىنى ئۆيدىلا تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ھازىرقى مەزگىل ئاپلىسىن پەسلى؛ ئەگەر بىر قېتىمدا بەك كۆپ سېتىۋىلىپ يەپ بولالمىغىنىڭىزدا، ئۇنى كونسېرۋا قىلىپ تەييارلاپ يېرىم ئاي ساقلاپ يىسىڭىز، تاتلىققىنە كەلگەن تەم سىزگە كىچىك ۋاقتىڭىزنى ئەسلىتىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
     ئاپلىسىن بىر كىلوگىرام، ئاق شىكەر 30 گىرام

تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
بىر كىلوگىرام ئاپلىسىننىڭ پوستىنى سويىۋىتىمىز.
      ئاپلىسىننى بىرتال-بىرتالدىن ئاجرىتىپ، يۈزىدىكى ئاق يىپچىلارنى ۋە ئۇرۇغىنى ئېلىۋىتىمىز؛ بولمىغاندا، قايناتقان شىكەر سۈيىگە چۈچۈمەل تەم كىرىۋالىدۇ.

Step 2
تەييار قىلغان ئاپلىسىننى قازانغا سالىمىز.
قازانغا ئاپلىسىن چۆكۈشكىدەك سۇ قۇيىمىز، كەينىدىن 30 گىرام ئاق شىكەر قۇيىمىز.
      چوڭ ئوتتا قايناپ چىققاندىن كىيىن، تۇۋاقنى يېپىپ، تۇۋاق يېىپىق ھالەتتە 15 مىنۇت قاينىتىمىز؛ 15 مىنۇت توشقاندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرىمىز.
ئارا بىلەن بىر نەچچە قېتىم سانجىپ، مىۋە شەربىتىدىن ئازراق چىقىرۋەتسەك، تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.
تۇۋاقنى قايتا يېپىپ، يەنە 10 مىنۇت دۈملەيمىز.

Step 3
      تەييار قىلغان ئاپلىسىن شىكەر سۈيىنى سۇۋۇتقاندىن كىيىن، ئۇنى ئالدىن تەييارلىۋالغان قۇتىغا قاچىلاپ، ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ، يېرىم ئاي قويۇپ قويىمىز. ئەگەر پىشۇرغاندىن كىيىن، چۈچۈمەل تەمى بار بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئاپلىسىننىڭ يۈزىدىكى ئاق يىپچىلار ۋە ئۇرۇغىنى پاكىزە ئېلىۋەتمىگەنلىكىمىزدىن بولىدۇ؛ پاكىز ئېلىۋەتكەندە، چۈچۈمەل تەم كىرىۋالمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号