ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگۈسى كىلىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بىز تۇغۇلغان كۈنىمىزنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسىگە ئاساسەن، ئۆزىمىزنىڭ بايلىق جەھەتتىكى تەلىيىمىزنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. بۇنى ئاڭلاپ سىزنىڭمۇ بىلىپ باققىڭىز كەلدىمۇ، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بېقىڭ!
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى: 1
ئۇلارنى بەك باي دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك دىگەنلەردىن ھەرھالدا غېمى يوق. بىراق، ئۇلار ئەگەر تېخىمۇ يۇقىرى بولغان تۇرمۇش قاتلىمىغا كىرىمەن دىسە، ئۇنداقتا يەنە تىرىشىپ ئىشلەشكە توغرا كىلىدۇ؛ گەرچە بۇ جەريان بەك ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئىستىقبالى يەنىلا ناھايىتى پارلاق كىلىدۇ.
ئۇلار ناھايىتى ئاق كۆڭۈل كەلگەن، ھەمىشە باشقىلار ئۈچۈن ئويلايدىغان خىلدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسىرى ياخشىلىنىشىنى ئويلاپلا قالماي، يەنە ئۇرۇغ-تۇققان ۋە دوست-يارەنلىرىنى باشلاپ بىرلىكتە پۇل تېپىشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى ئىناق كەيپىياتقا تولغان بولۇپ، ياشقا چوڭايغان ۋاقىتلىرىدا يەنە تېخى بالىلىرىنىڭ راھىتىنى كۆرۈپ، بارغانسىرى ياشىرىپ كىتىدۇ.
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى: 2
ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئۇلار بىر ھىسابتا باشلىنىش نوقتىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويغان كىشىلەر بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا ھېچقانداق ياردەم بىرەلمەيدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزى ناھايىتى تىرىشچان ھەم پۇختا كەلگەچكە، ئاز-ئازدىن ئالغا ئىلگىرلەپ، ئەمىلى ۋە مائاشى بارغانسىرى ئۆسۈپ بارىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يەنە ئائىلە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولمىسۇن، ئائىلىسىنى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل دۇنياسى دەپ بىلىدۇ.
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى: 3
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىرخانىسى 3 بولغان كشىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى كىچىكىدىنلا ياخشى ئەمەس بولۇپ، بۇ ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئىش ئۇقىدىغان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان، ئاددى-ساددا بولۇشقا ئادەتلەندۈرىدۇ.
گەرچە ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى ئىنتايىن مۇنەۋۋەر كىلىدۇ؛ ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندا مۇددەتتىن خېلى بۇرۇنلا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلايدۇ ھەمدە ئائىلە ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ؛ ئۇلار ھەقىقەتەن بەك ئالغا ئىنتىلىدىغان بولۇپ، كۈنلىرى چوقۇم بارغانسىرى ياخشى ئۆتىدىغان بولۇپ كىتىدۇ.
تۇغۇلغان كۈن ئاخىرقى بىر خانە سان: 4
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى 4 بولغانلار ناھايىتى ئەقىللىق كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئوي-قاراشلىرى بار بولىدۇ ھەمدە قابىلىيەتلىك كىلىدۇ؛ بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ناھايىتى پۇلدار كىلىدۇ ئەمما ئىشچان ئەمەس، قۇرۇق گەپنى تولا قىلىدىغان، ئەمما ئۇنى ئەمەلى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرمايدىغان كىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ پۇل يېغىشى ناھايىتى تەس؛ ئادەتتە ئۇلارنىڭ خەجلەيدىغىنى تاپىدىغىنىدىن كۆپ، ھەمىشە ئالدىغا پۇل خەجلەيدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ كۆڭلى ياخشى بولۇپ، ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ ھەمدە ئۇلاردىن بىر نەرسىلىرىنى ئاياپ كەتمەيدۇ.
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى: 5
ئۇلار بايلىقتىن تۇغۇلما تەلىيى بار ئەمەس، ئۇلارنىڭ بارلىق بايلىقى كىينكى مەزگىللەردە تىرىشىپ ئىشلەپ تاپقان پۇللار؛ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى پىلان تەرتىپلىك كىلىدىغان بولۇپ، پۇل يېغالايدۇ.
بىراق تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى 5 بولغان كىشىلەر، ئەتراپىدىكى تۇنۇش كىشىلەردىن ئىھتىيات قىلىشى كىرەك، چۈنكى ئۇلار بەلكىم سىزنىڭ بايلىقىڭىزغا كۆز تىكىپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ پۇللىرىڭىزنى ئالداپ ئېلىۋىلىشنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن؛ ئەگەر ئۇلار مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ، سىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم ئۆمرىڭىزدە تاپقان پۇللىرىڭىزنى ئالدا ئېلىپ كەتسە، ئۇنداقتا سىز كىيىنكى يېرىم ئۆمرىڭىزدە ئۆزىڭىزنى قايتا ئوڭشىۋىلىشىڭىز ناھايىتى تەسكە توختايدۇ؛ چوڭ بولسا تۇرمۇشتىن قىسىنىپ قالماي ئۆتەلەيسىز، ئەمما ئىلگىركىگە ئوخشاش باياشاتچىلىقتا ئۆتۈشىڭىز تەسكە توختايدۇ.
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى: 6
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى 6 كەلگەن كىشىلەر، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان كىشىلەر بولۇپ، مەيلى نىمە ئىش قىلمىسۇن، ھەممىنى ئەڭ ياخشى قىلىشنى ئويلايدۇ؛ ئۇلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپىدىكى ئادەملەرگىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويىدۇ.
ئۇلار يەنە تىپىك كەلگەن ئالدىراڭغۇ مىجەز بولۇپ، ئاسان قىزىققانلىق قىلىپ قويىدۇ، كۆزىگە سىغمايدىغان ئىشلار بولسا بىۋاستە ئېيتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك خىزمەت جەھەتتە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ. بىراق ئۇلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تەجىربىسى موللىشىدۇ، ئوي قاراشلىرى پىشىپ يىتىلىدۇ ۋە كەمچىلىكلىرىمۇ ئاستا-ئاستا ئارتۇقچىلىققا ئۆزگىرىپ، قابىلىيىتىنى تۇنۇپ يىتەلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇچرىمىقىمۇ ئاسان بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىمۇ بىر قەدەر ئىزىغا چۈشۈپ، كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى: 7
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى 7 كەلگەن كىشىلەر غايىلىك ھەم چوڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى بار كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار نىسبەتەن قاپ يۈرەك كىلىدۇ، ھەمدە ھەرقانداق ئىشنى بىرىنچى قېتىم سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خەتىرى چوڭ دەپ قارالغان تۈرلەرگە ئۇلار بىرىنچى بولۇپ مەبلەغ سالىدۇ.
باشقىلار كۆرۈپ يىتەلمىگەننى كۆرۈپ يىتەلەيدىغان قابىلىيەت، ئۇلارنى نۇرغۇن بايلىققا ئىگە قىلىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى تەلەيلىك دىيىشىدۇ، ئەمىلىيەتتە تەلەيمۇ ئەمىلىي كۈچنىڭ بىر قىسمىدۇر.
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى: 8
ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئىگىز-پەسلىكلەرگە تولغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئىككى ئۆمرىگە تەڭ كىلىدۇ دىيىشكە بولىدۇ؛ ئۇلار بايلىق جەھەتتىمۇ بەزىدە ياخشى بەزىدە ناچار ئەھۋالدا قالىدىغان بولۇپ، كۆتۈرلۈپ چۈشۈپ تۇرىدۇ.
ئۇلاردا ناھايىتى ئېغىر ئىككى مەسىلە بار، بىرسى بەس تالىشىش ۋە شۆھرەتپەرەسلىك ئىدىيسى ئىنتايىن كۈچلۈك؛ ئىككىنچىسى، نەپسىنى يېغالماي، پايدا-مەنپەئەتكە بەك بىرىلىدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلاپ، مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ئاسانلا خەتەرلىك يوللارنى تاللاپ قالىدۇ.
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى: 9
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى 9 كەلگەن ئادەملەر ھەقىقەتەن تۇغۇلما تەلەيلىك كىلىدۇ؛ ئۇلار نىسبەتەن باياشات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا ئىنتايىن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ بىر قەدەر تىرىشچان كىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆمرىدە ئاساسەن پۇلدىن قىسىلىپ قالمايدۇ.
ئۇلار باشقىلار ئىرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە ئاسانلىقچە ئىرىشەلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارغا نسىبەتەن پەقەت تۇغۇلما تەلەيلىك دەپ سۈپەتلەشكىلا بولىدۇ.
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسى: 0
تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئاخىرقى خانىسى 0 بولغان كىشىلەر ئەقىللىق ھەم پۇختا كىلىدۇ، ئاسانلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ؛ بىراق ئۇلارنىڭ بىر كەمچىلىكى بار، يەنى ئۇلار نىسبەتەن نەزىرى ئۈستۈن كىلىدۇ، ھەمىشە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئۆزىدەك مۇنەۋۋەر ئەمەس، ئەمما ئىرىشكەن پۇرسىتى مەندىن ياخشى دەپ ھىس قىلىپ، خىزمەتكە بەزىدە ئۆزىنى باسمايدۇ.
بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ روھى ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە ئىدراكلىق بىلەن ئويلىنىشقا باشلىغان ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىمۇ بارغانسىرى ياخشىلىپ كىتىدۇ، مۇۋەپپىقىيەتمۇ ئۇلارغا بارغانسىرى يېقىنلاپ بارىدۇ.