ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قىزلارنى قانۇنلۇق ئېلىپ ساتقىلى بولىدىغان دۆلەت
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
    قىزلارنى ئېلىپ-سېتىش—يەنى ئادەم ئېلىپ-سېتىش بولسا، دۆلىتىمىزدە، ھەتتا دۇنيا مىقياسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە بىرخىل قانۇنسىز قىلمىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ھەرقانداق بىر ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا ئۆزىگە-ئۆزى ئىگە بولىدىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولىدىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ پايدا قوغلىشىدىغان قورالىغان ئايلىنىپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىراق دۇنيادا شۇنداق بىر جاي بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر قىزلارنى ئېلىپ-سېتىش قانۇنلۇق قىلمىش ھىسابلىنىدىغان جايدۇر؛ ئۇ بولسىمۇ ياۋرۇپادىكى بۇلغارىيە بولۇپ، ياۋرۇپا تەۋەسىدىكى، ئاياللارنىڭ ئورنى ئەڭ تۆۋەن بىر دۆلەت ھىسابلىنىدۇ.
    بۇلغارىيە، ياۋرۇپادىكى ئىنتايىن گۈزەل بىر دۆلەت بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بويان ساياھەتچىلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچەۋاتقان بولغاچقا، ئاز بولمىغان جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. شەرقى ياۋرۇپادىكى نۇرغۇنلىغان نامى چىققان دۆلەتلەر ئارىسىدا، بۇلغارىيە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بىر دۆلەت ھىسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتتىكى بىر شەھەر قەتئى ئاددى ئەمەستەك كۆرىنىدۇ؛ بۇ شەھەر دەل بىز يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، قىزلارنى قانۇنلۇق ئېلىپ سېتىشقا بولىدىغان سىتارا زاگورا شەھرىدۇر. بۇ يەردە ھەريىلى بىر قېتىم كىلىن تاللاش يېغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى قىزلارنىڭ خالىغانلىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشسا بولىدىكەن؛ ئادەتتە قىزلارنى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىللە ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنى چىرايلىقراق ئېيتساق لايىق تۇنۇشتۇرۇش يېغىلىشى، ئەگەر سەترەك قىلىپ ئېيتساق قىزىنى سېتىش يېغىلىشى دەپ ئاتاشقا بولىدىكەن. چۈنكى بۇ پائالىيەتتە، ئەگەر بىرەر قىزغا كۆزىڭىز چۈشۈپ قالسا، بىۋاستىلا باھاسىنى دىيىشسىڭىز بولىدىكەن؛ قىز تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ چىقارغان باھاسىنىڭ قانداقلىقىغا قارايدىكەن ھەمدە ئاساسى جەھەتتىن باھانى ئەڭ يۇقىرى قويغانلار تاللىنىدىغان بولۇپ، قىزىنىڭ قايسى ئوغۇلنى ياقتۇرغانلىقىنى ياكى كەلگۈسى ئىستىقبالى دىگەنلەرنى نەزەرگە ئالمايدىكەن.
     بۇلغارىيەدىكى بۇ قىزلارنىڭ ئاساسى جەھەتتىن ئۆزى لايىق تاللاش ھوقۇقى يوق بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى چىرايلىق ياساپ، پائالىيەت مەيدانىدا تۇرۇپ، ئەر تەرەپنىڭ كىلىپ ئۆزىگە گەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرسىلا بولىدىكەن. ئىككى تەرەپ ئازراق پاراڭلاشقاندىن كىيىن، بىر-بىرىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنسىلا، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى پىكىر ئالماشتۇرۇشقا چۈشىدىكەن؛ نورمال ئەھۋال ئاستىدا، 20مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بىر قىز "سېتىۋىلىشقا" بولىدىكەن؛ بۇنداق سودىدا، ئەر تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى، پۇل چىقىرىدىغان "خېرىدار" ھىسابلىنىدىغان بولغاچقا، قىز تەرەپ ناھايىتى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئىككەيلەن توي قىلغاندىن كىيىن، قىزنىڭ تويدىن بۇرۇنقى ناشايان ئىشلىرى بايقىلىپ قالسا(مەسىلەن توي كىچىسى قىز چىقمىسا دىگەندەك)، ئۇنداقتا ئەر تەرەپ يەنە تېخى "مال قايتۇرسا" بولىدىكەن، قىز تەرەپمۇ ئىلگىرى قوبۇل قىلغان تويلۇقنىڭ ھەممىنى ئەر تەرەپكە قايتۇرۇپ بىرىشى كىرەك ئىكەن.
    ئەمىلىيەتتە، بۇخىل سودا خارەكتىرىنى ئالغان نىكاھلىشىش پائالىيىتىدە، يىڭىپ چىققۇچى ياكى يىڭىلگۈچى ئاساسەن يوق بولۇپ، پەقەت سەمىمى كۆڭۈل بىلەن سودىلاشقىلى كەلسىلا، كۆپ قىسىم قىز-ئوغۇللار تويدىن كىيىن يەنىلا بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号