ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھەقىقى مۇھەببەت قانداق بولىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەگەر ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت ھىسياتلىرى تۇغۇلسا، ئۇنداقتا ئۇلار ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە باي-نامراتلىق پەرقىگە ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ. ھەقىقى مۇھەببەت بولسا، ئىككەيلەن بىرگە بولغان ۋاقىتتا، بىر خىل "يېقىنلىق" تۇيغۇسى بار بولۇش؛ ئەر كىشى قاملاشقان، ئايال كىشى گۈزەل بولمىسىمۇ، ئەمما بىر-بىرىگە يېقىشلىق كۆرۈنۈش ھەمدە يېقىنلىق تۇيغۇسى ھىس قىلالىشتۇر.

   خۇددى يېقىن تۇغقانلارغا ئوخشاش، بىر-بىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئۈزۈل-كىسىل قويۇپ بىرەلەيدىغان بولۇش، قەلىب دەرۋازىسىنى قارشى تەرەپكە ئېچىۋىتىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئاشكارىلاشنى خالاش ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ياراتماي قېلىشى ياكى مەسخىرە قىلىشىدىن ئەنسىرمەسلىك --- ھەقىقى مۇھەببەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر خىل يېقىنلىق تۇيغۇسى ۋە ئازادىلىك كەيپىياتىغا ئىرىشەلەيدىغان بولۇش بولۇپ، خۇددى يېقىن تۇغقانلىرىغا ئوخشاش ھېس قىلىشتۇر.
 
   ھەقىقى مۇھەببەت قەلىب ۋە ئىدىيىنىڭ ئۆز-ئارا بىرىكىپ كىتىشى بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە كەڭ قورساقلىق قىلىش تېخىمۇ مۇھىم؛ چۈنكى بىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۈيۈش ناھايىتى ئاسان، ئەمما بىر ئادەمنىڭ كەمچىلىكىگە كەڭ قورساقلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇش ناھايىتىمۇ قىيىن.
    ئەگەر بىر ئادەم قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكلىرىگە نىسبەتەن، بىر ئۆمۈر كەڭ قورساق بولۇپ ئۆتەلىسە، بۇ ھەقىقى مۇھەببەت ھىسابلىنىدۇ.

     ھەقىقى مۇھەببەت بولسا، ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئاسراشتۇر، ئۆز-ئارا كۈيۈنۈش تۇيغۇسىدۇر؛ سىز ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز مەن سىزگە تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن دىگەنگە ئوخشاش مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدۇر.
    ئەگەر ئەر چارچاپ قالسا، ئايال ئۇنىڭ مۈرىلىرىنى تۇتۇپ قويۇش؛ ئايالنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس بولۇپ قالغاندا، ئەر ئۇنىڭ كوتۇلداشلىرىنى زىرىكمەي ئاڭلاش؛ بىرەيلەن زۇكام بولۇپ قالغاندا يەنە بىر تەرەپ دەرھال سۇ ۋە دورا ئەكىلىپ بىرەلەيدىغان بولۇش؛ قارشى تەرەپنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان نەرسىلىرىنى چاندۇرماي ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويۇش؛ مانا بۇلار ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ كونكىرىتنى ئىپادىلىنىشىنىڭ ئاز بىر قسىمى.

    ھەقىقى مۇھەببەت ئۇ رومانتىكىلىق تولغان گۈل ياكى شام يېقىلغان گۇڭگا مۇھىتتىكى كەچلىك زىياپەت ئەمەس، شىرىن شىكەر سۆزلەر ۋە ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ۋەدە-قەسەملەرمۇ ئەمەس. ئۇ بولسىمۇ چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ، بىر-بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قارشى تەرەپنى ئاسراش، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلاردا قارشى تەرەپكە كۆيۈنۈشنى بىلدۈرۈش. سىزنىڭ كۆيۈنۈشىڭىز پەقەت ھەقىقى بولسىلا، قارشى تەرەپنىڭ قەلبى چوقۇم ھىس قىلالايدۇ.
    ھەقىقى مۇھەببەت بولسا، بىر تەرەپنىڭ تەقدىم قىلىشى يەنە بىر تەرەپنىڭ تەلەپ قىلىشى بولماستىن، بەلكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مىننەتدار بولۇشنى بىلىشى، قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىدىغان بولۇشتۇر.
    مۇھەببەتنىڭ ماددى شارائىت، پۇل-مال بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ئۇنىڭ ئىتىبار بىرىدىغىنى پەقەت سىزلا خالاس.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号