ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە قوشكىزەكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۆۋەندىكى رەسىمدىكى جۈپتەكلەرنىڭ قوشكىزەك ئاچا-سىڭىل ئىكەنلىكىگە، كاللىڭىزنى يېرىۋەتسىمۇ ئىشەنمەيسىز ھەقىچان!
   سىز يەنە تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئاكا-ئۇكىلارنىڭمۇ قوشكىزەك ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيسىز، بىراق بۇ ئىككەيلەن ھەقىقەتەن قوشكىزەك، ئەمما ئۇلارھىسابتا قېرىنداش قوشكىزەكلەر بولۇپ، دادىسى باشقا. بۇ يەرگە كەلگەندە ئەھۋالنى ئاڭقىرالماي قالدىڭىزغۇ دەيمەن؟ ئۇنداقتا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىڭ: 1993-يىلى ئۇلارنىڭ ئانىسى ۋىليام.سىتورت پىروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، بۇ قوشكىزەك ئوغۇلنى تۇغقان. بۇ قوشكىزەكلەر تۇغۇلغاندىن كىيىن، ياۋرۇپا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆرە-تۆپە بولۇپ كەتكەن، چۈنكى ئىككىسىنىڭ تىرىسىنىڭ رەڭگى پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. كىيىن تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىچە، تىرىسى ئاق رەڭلىك كەلگەن بالا بولسا ۋىليام.سىتورت ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق بالىسى، تىرە رەڭگى قارا كەلگەن ئوغۇلنىڭ دادىسى بولسا باشقا بىر نىگىر ئادەم ئىكەن. بۇنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىنىڭ خاتالىقى بولۇپ، ئۇلار بىر تال پىروبىركىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئىشلەتكەن؛ ئەسلىدە باشقا بىر جۈپ نىگىر ئەر-خوتۇن ئوخشاش بىر كۈندە شۇ دوختۇرخانىدا پىروبىركىدە ئۇرۇقلاندۇرۇش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئىشلەتكەن پىروبىركىنى دوختۇرخانا بىتەرەپ قىلماي تۇرۇپ، ۋىليام.سىتورتنىڭ ئوپراتسىيىسىدە قايتا ئىشلەتكەن ئىكەن.
     سىز بەلكىم تۆۋەندىكى ئىككى بوۋاقنىڭمۇ قوشكىزەك ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىككى ئاي بۇرۇن تۇغۇلغان.
    ئامرىكىلىق بۇ بىر جۈپ قوشكىزەكنىڭ مىسالى دۇنيادا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئاچىسىنىڭ سول يۈزى بىلەن سىڭلىسىنىڭ ئوڭ يۈزى ئوپمۇ-ئوخشاش
    بۇ قوشكىزەك ئاكا-ئۇكا، ئەگەر ئەينەكتىن پايدىلانمىسا، بىر-بىرىنىڭ چىرايىنى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ.
    ئاۋسىتىرالىيەدىكى بۇ بىر جۈپ قوشكىزەكنىڭ ئەھۋالى ئاجايىپ سىرلىق بولۇپ، ئاكىسى مىڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئۇكسىنىڭ بېشى ئاغرىيدىكەن.
    بۇ رەسىمدىكى بىر ئوغۇل، بىر قىز قوشكىزەك تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئانسىى 70 ياشتا ئىدى.
    گوللاندىيىلىك بۇ بىر جۈپ قوشكىزەك ئاچا-سىڭىل ھۆججەتلىك فىلىم سەۋەبىدىن داڭ چىقارغان بولۇپ، ئۇ ئىككىسى ئون نەچچە ياش ۋاقتىدىن باشلاپ پاھىشىلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، تا ھازىرغىچە بۇ "كەسپىنى" داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号