ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
خوتۇنىنىڭ ئاشنىسىغا 200مىڭ يۈەن تۆلەپ "تەلىم" ئالغان ئەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئايالى تالاغا قاراپ، ئۈچىنچى شەخىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بېرىپ تۇرغان؛ بىراق شۇنداق بولسىمۇ، چاڭجوۋلۇق لى موۋ يەنىلا ئايالىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇپ كىلىشنى ئويلاشقان. بىراق ئۇ ئايالى بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئامالسىز ئايالىنىڭ ئاشنىسى جوۋ موۋنى ئىزدەپ بېرىپ، نەتىجىدە ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قالغان ھەمدە ھەر دائىم ئۇنىڭدىن "خوتۇنىنى قوغلاش" ھەققىدە تەلىم ئالغان. جوۋ موۋ بولسا يالغان گەپ توقۇپ، لى موۋنىڭ قېيىنئانىسى قەرزدار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، لى موۋنىڭ ئايالىنىڭ سىرتتا ئانىسىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن پۇل توپلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان؛ لى موۋ بولسا ئايالىنىڭ ۋە قېيىنئانىسىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇپ كىلىش مەقسىتىدە، بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ، ئايالىغا يەتكۈزۈپ بىرىش ئۈچۈن جوۋ موۋغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
     ھازىرقى زامان تىز خەۋەرلەر گىزىتى مۇخبىرىنىڭ چاڭجۇۋ شەھىرى ئىقتىسادى ئېچىۋىتىلگەن رايونى خېڭ لىن ساقسىچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 9-ئايدا، 28 ياشلىق لى موۋ ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلىپ كەلگەن بولۇپ، جوۋ فامىلىلىك بىر ئەرنىڭ، ئۆزىنىڭ 200 نەچچە مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. كىيىن ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لى موۋ كۆرسەتكەن جوۋ فامىلىلىك ئەرنىڭ ئەسلىدە لى موۋنىڭ ئايالىنىڭ ئاشنىسى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
    ئەسلىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لى موۋنىڭ ئايالى ۋاڭ موۋ، مەلۇم بىر شىركەتنىڭ رايون ۋەكىلى بولۇپ، ئۆزى چىرايلىق، زىرەك ھەم ئىقتىدارلىق ئىكەن. لى موۋ ئايالى بىلەن توي قىلىپ ئىككى يىل بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئازراق ناچارلىشىپ قالغان. بۇيىل 4-ئايدا ئايالى ۋاڭ موۋ تور ئالاقە يۇمشاق دىتالىدا پاراڭلىشىش داۋامىدا، جوۋ موۋ بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان بولۇپ، ئىككەيلەن ناھايىتى تىزلا ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان.
    لى موۋ ئايالىنىڭ تالاغا قارىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭغا بىۋاستە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالمىغان؛ چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن خارەكتىرى كۈچلۈك كەلگەن ئايالىنىڭ يۈز ئۆرۈپلا ئۆزىدىن ئۈزۈل-كىسىل ئايرىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرگەن. لىكىن ئويلىمىغان يەردىن، ۋاڭ موۋ بالىسىنىمۇ ئىرىگە تاشلاپ قويۇپ، ئائىلىسىنى تاشلاپ ئاشىنسى جوۋ موۋنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇرغان، ھەتتا تېلفون نومىرىنىمۇ ئالماشتۇرۋەتكەن.
    لى موۋنىڭ ساقچىلارغا ئېيتىشىچە، ئۇ ئايالىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى بىلىشكە بەك ئالدىراپ كەتكەنلىكتىن، ئامالسىز مۇھەببەتتىكى دۈشمىنى جوۋ موۋ بىلەن ئالاقىلاشقان. ھەر كۈنى جوۋ موۋغا ئۇچۇر يېزىپ ياكى تېلفون قىلىپ، ئايالىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان.

     كىيىنچە، جوۋ موۋ لى موۋغا، ۋاڭ موۋ ئىككىسىنىڭ ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ۋاڭ موۋ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان ۋاقىتتا، لى موۋ جوۋ موۋنى تېخىمۇ ياخشى دوستى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭغا دەردىنى تۆككەن ھەمدە جوۋ موۋدىن، قانداق قىلغاندا ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقى ھەققىدە "تەلىم" ئالغان.
    ئويلىمىغان يەردىن، جوۋ موۋنىڭ كۆڭلىدە يامان نىيەتلەر پەيدا بولۇپ قالغان؛ شۇنىڭلىق بىلەن ئۇ يالغان گەپتىن بىر توقۇپ، لى موۋنىڭ قېيىنئانىسى سىرتتا نۇرغۇن پۇل قەرز بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ۋاڭ موۋنىڭ ھازىر ئانىسىنىڭ قەرزلىرىنى قايتۇرۇشى ئۈچۈن سىرتلاردا پۇل توپلاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ قەرز قايتۇرۇشۇپ بىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئايالى بىلەن ئەپلىشىپ قېلىشتىن باشقا ئىشنى ئاساسەن ئۇنتۇپ قالغان لى موۋ دەرھال مەيدىسىگە مۇشلاپ چىقىپ، ئايالىغا ياردەملىشىپ قېيىنئانىسىنىڭ قەرزلىرىنى قايتۇرۇشۇپ بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    لى موۋ تېخى ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشقا ئۇنىماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، جوۋ موۋغا بۇ پۇللارنى ئۆزىنىڭ بەرگەنلىكىنى ئايالىغا ئېيتماسلىقىنى تاپىلىغان؛ بىراق ئۇ بۇنداق بولغاندا، دەل جوۋ موۋنىڭ قاپقىنىغا دەسسەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ يىتەلمىگەن. شۇنداق قىلىپ، لى موۋ ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ، جوۋ موۋغا 200 مىڭدىن ئارتۇق پۇل تاپشۇرۇپ بەرگەن؛ بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسمى لى موۋ باشقىلاردىن قەرز ئالغان پۇل ئىدى.
     9-ئايغا كەلگەندە، بىر قېتىملىق تاسادىبىيلىق پۇرسەتتە، لى موۋ كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئايالى ۋاڭ موۋ بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. لى موۋ ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا ئايلىغا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ قېيىنئانىسىنىڭ قەرزلىرىنى قايتۇرۇشۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان؛ ئۇ ئەسلىدە ئايالىنى بىر خوش قىلىۋەتمەكچى بولغان ئىدى، بىراق كىم بىلسۇن، ئايالى ئانىسىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش دەيدىغان بۇنداق ئىشنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، لى موۋ ئاندىن ئالدىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەن.
     10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، خېڭ لىن ساقچىخانىسى جوۋ موۋنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان. رازۋىدكا قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىلىشىچە، جوۋ موۋ بۇ يىل 28 ياش بولۇپ، خىزمىتى يوق ئىكەن. ئۇنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، لى موۋ بەك ساددا بولغاچقا، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇپ كىلىشكە تەقەززا بولۇش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يالغان گەپ توقۇپ، ئۇنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ئىكەن. ساقچى تەرەپ جوۋ موۋنى قولغا ئالغان ۋاقىتقا كەلگۈچىلىك، ئۇ لى موۋدىن ئالداپ ئېلىۋالغان 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنىڭ ھەممىنى بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىۋەتكەن.
     نۆۋەتتە، جوۋ موۋ ئالدامچلىق قىلىش جىنايىتىگە چېتىلىش سەۋەبى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号