ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھەر كۈنى ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا تۇرىدىغان قىزچاق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-16 كۆرۈلىشى : قېتىم

    ئامىرىكا تىنىسسىي شىتاتىدىكى 7 ياشلىق بىر قىز بالا، ئۇيقۇخۇمارلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان؛ يېقىندا ئۇ 15 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 98 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) خەجلەپ، كىچىك ئىتىنى تەربىيىلىگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇ كىچىسى ئۇخلاۋىتىپ نەپىسى توختاپ قالسا، تەربىيىلىگەن بۇ ئىتى ئۇنى ئويغىتىپ قويىدىكەن. "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قىزنىڭ ئىسمى مەددى.جوردان بولۇپ، ئۇ ئۇخلاۋىتىپ نەپىسى ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش كىسلى، ئۇيقۇ خۇمارلىق كىسلى ۋە زىققا كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن. 7 ياشلىق بۇ قىز بىر قېتىم سىرتتا ئويناۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئۇخلاپ قېلىپ يېقىلىپ چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياردەم ئىزدەشكە باشلىغان.
    مەددىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولغانلىقتىن، نورمال تۈردىكى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى يوق ئىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يۇقىرى ھەق تۆلەپ ئىتنى مەشىقلەندۈرگەن بولۇپ، ئەگەر مەددى كىچىسى ئۇخلاۋىتىپ، تۇيۇقسىز نەپىسى توختاپ قالسا، بۇ ئىت ئۇنى ئويغىتىپ قويالايدىكەن. گەرچە كۆپ قىسىم 7 ياشلىق بالىلارغا نسىبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر تال ئىت بېقىش خۇشال قىلارلىق ئىش بولسىمۇ، بىراق مەددىنىڭ دىيىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى ئەمەس ئىكەن. تۆۋەندىكى رەسىمدىكى بۇ كۈچۈك، مەددىينىڭ ئاتا-ئانىسى مەددىي ئۈچۈن مەشىقلەندۈرگەن كۈچۈك—ھېرشىي.
    ئىتنى چېنىقتۇرۇشقا 15 مىڭ دوللار خىراجەت كەتكەندىن باشقا يەنە تەخمىنەن 18 ئاي ۋاقىت كىتىدىكەن. مەددىينىڭ ئويناۋىتىپ ئۇخلاپ قېلىپ يېقىلىپ چۈشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغاندا، مەددىنىڭ ئانىسى—سىنىترا.جونسىن.جوردان مۇنداق دىگەن: "ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ قېتىملىق ھادىسە بىزگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغىرىقى بولدى. بارلىق ئىزنالار مىنىڭ قەلبىمدە پەيدا بولدى، بۇلارنى چوقۇم دەرھال ئورۇنداش كىرەك؛ بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن مەن بەلگىلىك دەرىجىدە ياردەمگە مۇھتاج بولىمەن."
    مەددىينى دوختۇرغا كۆرسەتكەندىن كىيىن، دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسى بولسا، بىردىنبىر ئامال مۇلازىمەت ئىتى تەربىيىلەش ئىكەن. ھازىر مەددى بىلەن ئۇنىڭ ئىتى مەشىقلىنىشنىڭ ماسلىشىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بولۇپ، بۇ كەلگۈسىدە مەددىينىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
    مەددىينىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ ئىتى—ھېرشىي، مەددىينىڭ ياستۇقىنى چىشلەشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ھېرشىينىڭ بۇنداق قىلىشى باشقىلارغا مەددىينىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ھېرشىي مەددىينىڭ ھۆتىلىش قېتىم سانىنى ئاڭلاپ پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر ھۆتىلىش قېتىم سانى مەلۇم بىر ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، ھېرشىي ئۇنى ئويغىتىۋىتىشكە مەجبۇر بولىدىكەن؛ چۈنكى 7 ياشلىق مەددىينىڭ ھەر ۋاقىت نەپىسى ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار ئىكەن.
    مەددىينىڭ ئاتا-ئانىسسى ھەر ئىككىسى مائارىپ ئورگىنىدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرچە مۇلازىمەت ئىتىنىڭ خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号